\id 1PE \h پېترۇس «1» \toc1 پېترۇس «1» \toc2 پېترۇس «1» \toc3 1پېت. \mt1 پېترۇس «1» \c 1 \s1 «روسۇل پېترۇس يازغان بىرىنچى مەكتۇپ» \m \v 1 ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام.\f □ \fr 1:1 \ft \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام»\+bd* ــ «تارقاق مۇساپىرلار» توغرۇلۇق «ياقۇپ»تىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تارقاق مۇساپىرلار» ــ ئاسۇرىيەنىڭ ۋە كېيىنكى بابىل ئىمپېرىيەسىدىن باشلاپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنىدى. پەلەستىنگە قايتىپ كەلمەي، چەت يەرلەردە قالغان يەھۇدىيلار «تارقاق مۇساپىرلار» (گرېك تىلىدا «دىئاسپورا») دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن مۇشۇ يەردە «تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەر» كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا خەتتە تىلغا ئېلىنغان جايلاردا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز (10:2نى كۆرۈڭ). \fp «تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەر» بىزنىڭچە: (1) ئېتىقادچىلار بۇ دۇنيادا ھەقىقەتەن مۇساپىر سالاھىيىتىدە ياشايدۇ. ئۇلار يۇرتىمىز مۇشۇ يەردە ئەمەس، جەننەتتە بولىدۇ، دەپ بىلىدۇ؛ (2) ئېتىقادچىلار يەر يۈزىدىكى يۇرتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۆپ سانلىقنىتەشكىل قىلمايدۇ، بەلكى تارقاق «كىچىك بىر پادا»دەك ياشاۋاتىدۇ، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 1:1 \xt ياق. 1‏:1. \x* \v 2 سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار»\+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى»: ــ دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى «تەۋرات دەۋرى»دىكى قۇربانلىقلارنىڭ قېنىدەك، ئادەمنىڭ بەدىنى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدان-قەلبىگە سېپىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھلىرىدىن پاك بولىدۇ («يەش.» 15:52 ۋە ئىزاھاتىنى، «ئىبر.» 13:9، 24:12نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:2 \xt رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ گال. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 2پېت. 1‏:2؛ يەھ. 2. \x* \b \m \s1 ھاياتلىق ئۈمىدى \m \v 3 ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىكى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك-مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي!\x + \xo 1:3 \xt رىم. 6‏:23؛ 1كور. 15‏:20؛ 2كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:3؛ ياق. 1‏:18. \x* \v 4 دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا.\x + \xo 1:4 \xt كول. 1‏:5؛ 2تىم. 1‏:12. \x* \v 5 ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر. \v 6 سىلەر بۇ \add نىجاتتىن\add* زور شادلىنىسىلەر ــ گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ.\x + \xo 1:6 \xt رىم. 5‏:3؛ ئىبر. 10‏:37؛ 1پېت. 5‏:10؛ ياق. 1‏:2. \x* \v 7 ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ \add قايتا\add* ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. \f □ \fr 1:7 \ft \+bd «ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ قايتا ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، ئالتۇننىڭ ساپلىقى ياكى ھەقىقىي ئىكەنلىكى ئوت بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. خۇدا ئېتىقادىمىزنىڭ ھەقىقىي ياكى ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە، لېكىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ھەمدە بىزنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بىزنى ھەرخىل سىناقلارغا ئۇچرىتىدۇ. مۇئەللىپ مۇشۇ سىناقلار توغرۇلۇق ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن گۇمان قىلغان ئەمەس، ئەكسىچە 8-ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنچىنى بىلدۈرۈپ، دەرۋەقە ھەقىقىي، ساپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. \fp «ئېتىقادىڭلار... مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ» ــ مۇئەللىپ مۇشۇ يەردە بۇ «مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت» كىمگە بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتمەيدۇ. بىزنىڭچە ئېتىقادىمىز سىنىلىشى ئارقىلىق «مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت»نى ھەم رەب ئۆزىگە ھەم بىزلەرگىمۇ كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئېتىقادىمىز سىناقتىن ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خۇدانىڭ شاپائىتى ھەم كۈچ-قۇدرىتىدىنلا بولىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنىڭ شاپائىتى ھەم قۇدرىتى روشەن بولىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىسپات بولىدۇ (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:7 \xt يەش. 48‏:10؛ 1كور. 3‏:13؛ ياق. 1‏:3؛ 1پېت. 4‏:12. \x* \m \v 8 ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان-شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ.\x + \xo 1:8 \xt يـۇھ. 20‏:29. \x* \v 9 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇكى، نىجاتنىڭ ھازىر نەتىجىسى ھەم مېۋىسى بار ھەمدە كەلگۈسىدە (5-ئايەتتە) مەسىھ قايتا كەلگەندە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ (نىجاتنىڭ كەلگۈسىدىكى بەخت-بەرىكەتلىرى بولسا گۇناھنىڭ ھەرقانداق تەسىرىدىن ئازاد بولۇش، يېڭى تەندە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). مۇشۇ يەردە «جېنىڭلارنىڭ نىجاتى» بەلكىم ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ، دېمەك، ئادەمنىڭ ئوي-پىكىر، ھېسسىياتلىرى ۋە مىجەزىنىڭ گۇناھنىڭ تەسىرىدىن ئازاد بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 10 سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئالدىن ئېيتقان \add ئىلگىرىكى\add* پەيغەمبەرلەر بۇ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى. \x + \xo 1:10 \xt يار. 49‏:10؛ دان. 2‏:44؛ ھاگ. 2‏:8؛ زەك. 6‏:12. \x* \v 11 ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. \f □ \fr 1:11 \ft \+bd «ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن»\+bd* ــ «قانداق يول بىلەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كىمنىڭ ۋۇجۇدىدا». بۇ ئايەتتىن شۇ روشەنكى، مەسىھ تېخى دۇنياغا كەلمىگىنى بىلەن، تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىشى ئۇنىڭ روھى ئارقىلىق بولغان؛ مەسىھنىڭ روھى ئۇلاردا تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ كىملىكى ياكى تولۇق سالاھىيىتى توغرۇلۇق خەۋىرى مۈجمەل ياكى يوق دېيەرلىك ئىدى.\f*  \x + \xo 1:11 \xt زەب. 22‏:6؛ يەش. 53‏:3؛ دان. 9‏:24. \x* \v 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشلار ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاندى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سەپسېلىپ چۈشىنىۋېلىشقا تەلپۈنمەكتە.\f □ \fr 1:12 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان»\+bd* ــ «بۇ ئىشلار» دېگەنلىك پەيغەمبەرلەر ئالدىنئالا ئېيتقان مەسىھنىڭ ئۆلۈمى (ئازاب-ئوقۇبەتلىرى) ئارقىلىق بولغان بارلىق نىجاتلىق ئىشلار، جۈملىدىن «مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن» خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 1:12 \xt روس. 2‏:4؛ ئ‍ەف. 3‏:10. \x* \b \m \s1 پاك ياشاڭلار \m \v 13 شۇڭا، زېھىنلىرىڭلارنىڭ بېلىنى باغلاپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك-سالماق تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. \f □ \fr 1:13 \ft \+bd «ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار»\+bd* ــ «پۈتۈنلەي باغلاڭلار» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئاخىرغىچە باغلاڭلار».\f*  \x + \xo 1:13 \xt لۇقا 12‏:35؛ ئ‍ەف. 6‏:14. \x* \v 14 \add خۇدانىڭ\add* ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. \v 15 ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك-مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇڭلار. \x + \xo 1:15 \xt لۇقا 1‏:75. \x* \v 16 چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا\add*: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.\x + \xo 1:16 \xt لاۋ. 11‏:45،44؛ 19‏:2؛ 20‏:7. \x* \m \v 17 سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز-خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى \add ئۇنىڭ\add* قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار. \x + \xo 1:17 \xt قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25. \x* \v 18 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ \add قۇللۇقىدىن\add* ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس، \f □ \fr 1:18 \ft \+bd «ھامان قىممىتىنى يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ھامان چىرىيدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر».\f*  \x + \xo 1:18 \xt 1كور. 6‏:20؛ 7‏:23. \x* \v 19 بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم-كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. \x + \xo 1:19 \xt روس. 20‏:28؛ ئىبر. 9‏:12؛ ۋەھ. 1‏:5. \x* \v 20 ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا \add خۇدا تەرىپىدىن\add* شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن \add بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ\add* ئاشكارا قىلىندى. \f □ \fr 1:20 \ft \+bd «ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ ئاشكارا قىلىندى»\+bd* ــ «زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىت، يەنى «ئىنجىل دەۋرى»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:20 \xt رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 1‏:2. \x* \v 21 سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ \add شۇنى قىلغىنى\add* ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر.\x + \xo 1:21 \xt روس. 2‏:33؛ فىل. 2‏:9. \x* \m \v 22 سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. \x + \xo 1:22 \xt رىم. 12‏:10؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 2‏:17. \x* \v 23 چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. \f □ \fr 1:23 \ft \+bd «چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم «ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار (چىرىپ كېتىدىغان ئەت ئىگىلىرى)»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن ــ دېمەك، ھېچكىم ئېتىقادچى بولغان ئاتا-ئانىسىدىن ياكى مەلۇم مىللەتتىن (مەسىلەن، يەھۇدىيلاردىن) تۇغۇلغانلىقى بىلەن يېڭى ھاياتقا ئېرىشمەيدۇ. ھەر ئادەم ئۆزى ئېتىقاد بىلەن «قايتا (يېڭىدىن) تۇغۇلۇشى» كېرەكتۇر.\f*  \x + \xo 1:23 \xt ياق. 1‏:18؛ 1يۇھ. 3‏:9. \x* \v 24 چۈنكى \add خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك\add*: \b \m «بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، \m ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ \m ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ،\x + \xo 1:24 \xt يەش. 40‏:6-8؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 1‏:10؛ 4‏:14؛ 1يۇھ. 2‏:17. \x* \m \v 25 بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» \b \m سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر.\f □ \fr 1:25 \ft \+bd «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 6:40، 8 (LXX)تىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.\f* \b \b \m \c 2 \m \v 1 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ،\x + \xo 2:1 \xt مات. 18‏:3؛ رىم. 6‏:4؛ 1كور. 14‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:23؛ كول. 3‏:8؛ ئىبر. 12‏:1. \x* \v 2‏-3 رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ \add خۇدانىڭ\add* سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ \add كامالىتىگە\add* يېتىپ ئۆسىسىلەر.\f □ \fr 2:2‏-3 \ft \+bd «رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر»\+bd* ــ «زەب.» 8:34. \+bd «خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار»\+bd* ــ «خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈت» ياكى «روھىي ساپ سۈت». \+bd «بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ كامالىتىگە يېتىپ ئۆسىسىلەر»\+bd* ــ «نىجات» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:2‏-3 \xt زەب. 34‏:8\x* \m \v 4 ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ...»\+bd* ــ «تىرىك تاش بولغۇچى» ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. بارلىق ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىپ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىپ «خۇدانىڭ تىرىك، كۈنمۇ-كۈن ئۆسۈۋاتقان (روھىي) ئىبادەتخانىسى» بولۇشقا قۇرۇلماقتا.\f*  \x + \xo 2:4 \xt ئ‍ەف. 2‏:20. \x* \v 5 سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر»\+bd* ــ «روھىي قۇربانلىقلار» قوي-كالىلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۇنغان رەھمەت-مەدھىيىلەر ۋە خىزمىتىدىكى ئىشلار، شۇنداقلا باشقىلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەت، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردىن بولىدۇ. \fp «مۇقەددەس كاھىنلىق قاتارىدىكىلەر» «لاۋىيلار»دىن بولغان كاھىنلىق ئەمەس، يېڭى ئەھدىگە باغلانغان روھىي كاھىنلىق تۈزۈمىدىن بولىدۇ.\f*  \x + \xo 2:5 \xt رىم. 12‏:1؛ ئىبر. 3‏:6؛ 12‏:28؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10. \x* \v 6 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: ــ \b \m «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. \m ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ».\f □ \fr 2:6 \ft \+bd «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 16:28نى كۆرۈڭ. «زىئون» ــ قەدىمكى ئىسرائىلنىڭ پايتەختى، يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر.\f*  \x + \xo 2:6 \xt يەش. 28‏:16. \x* \b \m \v 7‏-8 ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن \add تاشنىڭ\add* قەدىرى بولىدۇ. لېكىن \add ئۇنىڭغا\add* ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ \add مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك\add* بولدى: ــ \b \m «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، \m بۇرجەك \add ئۇل\add* تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، \m ۋە: ــ «\add بۇ تاش\add* كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، \m ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». \b \m چۈنكى \add مۇشۇنداق كىشىلەر\add* \add خۇدانىڭ\add* سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر.\f □ \fr 2:7‏-8 \ft \+bd «ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن تاشنىڭ قەدىرى بولىدۇ»\+bd* ــ ياكى، «بۇ ئۇل تېشى ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىكتۇر». \+bd «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك ئۇل تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: ــ «بۇ تاش كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 22:118، «يەش.» 14:8.\f*  \x + \xo 2:7‏-8 \xt زەب. 118‏:22؛ مات. 21‏:42؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ يەش. 8‏:14. \x* \m \v 9 لېكىن سىلەر بولساڭلار \add خۇدا\add* تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت. \f □ \fr 2:9 \ft \+bd «لېكىن سىلەر بولساڭلار خۇدا تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت»\+bd* ــ «مىس.» 5:19-6، 22:23 (LXX)، «يەش.» 20:43-21، «مال.» 17:3نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:9 \xt مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:14؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10. \x* \v 10 بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن \add خۇدانىڭ\add* رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار.\f □ \fr 2:10 \ft \+bd «بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار»\+bd* ــ «ھوش.» 6:1-9، 23:2نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:10 \xt ھوش. 2‏:1؛ 2‏:25؛ رىم. 9‏:26. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇڭلار \m \v 11 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا مۇساپىر ۋە مېھماندۇرسىلەر، سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «روھ-قەلب» مۇشۇ يەردە «جان» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \fp «ئەتلىرىڭلاردىكى (ياكى پەقەت «ئەتلەردىكى») نەپس-شەھۋەتلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىنجىلدا «ئەت» بولسا ئادەتتە «گۇناھنىڭ قورالى»، يەنى گۇناھ ئەتلىرىمىزنى قورال قىلىپ ئۇ ئارقىلىق بىزنى ئازدۇرىدىغانلىقى ۋە باشقۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:11 \xt رىم. 13‏:14؛ گال. 5‏:16. \x* \v 12 يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، \add خۇدانىڭ\add* ئۇلارنى \add ئويغىتىپ\add* يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن»\+bd* ــ «ئېتىقادسىزلار» مۇشۇ يەردە «يات ئەللىكلەر» ياكى «يات ئەللەر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە بۇ سۆز «يەھۇدىي بولمىغان ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ، لېكىن مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. \+bd «مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، خۇدانىڭ ئۇلارنى ئويغىتىپ يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئويغىتىپ يوقلايدىغان كۈنى» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «يوقلاش كۈنى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئادەمنى «يوقلىغاندا» ئىككى خىل نەتىجىنىڭ بىرى بولىدۇ: (1) بەخت-بەرىكەت، خۇدا شاپائىتىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ، ئىنساننى توۋا قىلىشقا ئويغىتىدۇ؛ (2) خۇدا ئادەمنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. \fp مۇشۇ يەردىكى نەتىجە ياخشى بولغاچقا، «ئويغىتىپ يوقلاش» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f*  \x + \xo 2:12 \xt مات. 5‏:16؛ لۇقا 1‏:68؛ 19‏:44؛ رىم. 12‏:17؛ 2كور. 8‏:21؛ فىل. 2‏:15؛ تىت. 2‏:8؛ 1پېت. 3‏:16. \x* \v 13‏-14 شۇڭا رەبنىڭ ھۆرمىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەربىر ھاكىمىيەتنىڭ تۈزۈمىگە، مەيلى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھقا بولسۇن ياكى ئۇ تەيىنلىگەن ھوقۇقدارلارغا بولسۇن بويسۇنۇڭلار. چۈنكى بۇ ھوقۇقدارلار \add پادىشاھ\add* تەرىپىدىن يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر. \x + \xo 2:13‏-14 \xt رىم. 13‏:1؛ تىت. 3‏:1. \x* \v 15 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن نادان ئادەملەرنىڭ ئورۇنسىز شىكايەتلىرىنى تۇۋاقلاشتۇر. \x + \xo 2:15 \xt تىت. 2‏:8. \x* \v 16 سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن، بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار، بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ، \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن،...»\+bd* ــ بىزنىڭچە، شۈبھىسىزكى، روسۇل پېترۇس مۇشۇ يەردە رەب ئەيسانىڭ «مات.» 24:17-27دە ئۆزىگە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەسلىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ نىقابى قىلىۋالماڭلار». \+bd «بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ...»\+bd* ــ «خۇدانىڭ قۇلى» توغرىسىدا: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىقكى، تەۋرات-ئىنجىل بويىچە خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇش ئادەمنىڭ تولۇق ئەركىنلىكى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىسا «خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇش» ھېسابلانمايدۇ. خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولۇش ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئۇلۇغ ئىمتىيازدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى مەسىھ كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، «يەش.» 1:42دە ۋە باشقا كۆپ يەرلەردە). تەۋراتتا، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كىتابىدىكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق بېشارەتلەرنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:16 \xt يـۇھ. 8‏:32؛ رىم. 6‏:18؛ گال. 5‏:1. \x* \v 17 بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، \add ئېتىقادچى\add* قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.\f □ \fr 2:17 \ft \+bd «خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار»\+bd* ــ خۇدانىڭ قورقۇنچى بولمىسا ھۆكۈمدارلارنى ھۆرمەتلەش پەقەت ئىنسانلاردىن قورقۇش بولىدۇ، خالاس. مەسىلەن، روسۇل پېترۇسنىڭ «روس.» 19:4دە خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:17 \xt مات. 22‏:21؛ رىم. 12‏:10؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 1‏:22؛ 5‏:5. \x* \b \m \s1 ئەيسا مەسىھ سەۋر قىلىشنىڭ ئۈلگىسىدۇر \m \v 18 قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار ــ يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار»\+bd* ــ «قۇللار» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ھەم قۇللارنى ھەم ئۆي خىزمەتكارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \fp \fp \+bd «تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار»\+bd* ــ «تولۇق قورقۇنچ بىلەن» دېگەن سۆزلەر گرېك تىلىدا «بارلىق قورقۇنچ بىلەن» دېگەن بىلەن ئىپدىلىنىدۇ. مەنىسى شۈبھىسىزكى، قۇللارنىڭ خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىشىدە \+bd خۇدادىن قورقۇش\+bd*نىڭ تۈرتكىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، «كول.» 22:3 ۋە «ئەف.» 5:6-7نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:18 \xt ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1؛ تىت. 2‏:9. \x* \v 19 چۈنكى ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلسا، بۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. \f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە...»\+bd* ــ بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) بۇ ئادەم ۋىجدانى ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىشنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ياخشى ئىشقا ئەمەل قىلىدۇ، لېكىن خوجايىنى ياخشى قىلغىنىنى چۈشەنمەيلا ئۇنى جازالايدۇ؛ قۇل بۇ ناھەقلىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ؛ (2) قۇل-خىزمەتكار خىزمىتىنى ياخشى، پۇختا قىلسىمۇ، خوجايىن بەرىبىر ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ. \fp قۇل-خىزمەتكار قورقۇنچتىن ئەمەس، بەلكى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى بۇ يامان ئىشلارغا ئۆز ياخشى مەقسەتلىرى بىلەن يول قويغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈپ، بۇ يامان مۇئامىلىگە سەۋر-تاقەت قىلىپ چىداپ، خوجايىنىنى كەچۈرىۋېتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:19 \xt مات. 5‏:10. \x* \v 20 چۈنكى ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك ئۇرۇلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نېمىسى بار! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. \x + \xo 2:20 \xt 1پېت. 3‏:14؛ 4‏:14. \x* \v 21 چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ \x + \xo 2:21 \xt يـۇھ. 13‏:15؛ فىل. 2‏:5؛ 1يۇھ. 2‏:6. \x* \v 22 «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». \f □ \fr 2:22 \ft \+bd «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 9:53دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 2:22 \xt يەش. 53‏:9؛ 2كور. 5‏:21؛ 1يۇھ. 3‏:5. \x* \v 23 ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى. \f □ \fr 2:23 \ft \+bd «ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى»\+bd* ــ پېترۇسنىڭ بۇ سۆزىدە «يەش.» 7:53دىكى بېشارەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 2:23 \xt مات. 27‏:39؛ يـۇھ. 8‏:49،48. \x* \v 24 ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. \f □ \fr 2:24 \ft \+bd «ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار»\+bd* ــ «ياغاچ تۈۋرۈكتە» (گرېك تىلىدا «دەرەختە»)، «كرېست»نى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «دەرەخ» ئېرەن باغچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دەرەخنى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى كۆپ باشقا يەرلەدە دېيىلگەن «دەرەخ» توغرىسىدىكى تېمىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە كەلتۈرىدۇ (مەسىلەن، «مىس.» 23:15-26، «قان.» 22:21-23، «پەند.» 18:3، 30:11 قاتارلىقلار).\f*  \x + \xo 2:24 \xt يەش. 53‏:4؛ مات. 8‏:17؛ رىم. 6‏:11. \x* \v 25 چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.\f □ \fr 2:25 \ft \+bd «چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «كېتىۋاتتاتىسىلەر». «يەش.» 6:53نى كۆرۈڭ. \+bd «لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار»\+bd* ــ «جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم (قوغدايدىغان) يېتەكچىسى» رەب ئەيسا مەسىھ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 2:25 \xt يەش. 53‏:6؛ ئ‍ەز. 34‏:6؛ لۇقا 15‏:4. \x* \b \b \m \c 3 \s1 ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت \m \v 1‏-2 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ.\x + \xo 3:1‏-2 \xt يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ تىت. 2‏:5. \x* \v 3 گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن،\x + \xo 3:3 \xt 1تىم. 2‏:9؛ تىت. 2‏:3. \x* \v 4 بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق \add گۈزەللىك\add* خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن»\+bd* ــ «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار» گرېك تىلىدا «قەلبدىكى ئىچكى ئىنسان» دېگەن سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.\f* \v 5 چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق \add گۈزەللىك بىلەن\add* ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار»\+bd* ــ «ئىخلاسمەن» مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 6 دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ \add ساراھنىڭ\add* پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ ساراھنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر»\+bd* ــ «ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار» دېگەنلىكتە تەكىتلەيدىغان ئىش بەلكىم، ئاياللار ئۆز يولداشلىرىنى ھۆرمەتلىشى بىلەن تەڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق قورقماسلىقى، بەلكى خۇدادىنلا قورقۇپ، ئىخلاسمەن بولۇشى كېرەك. دېمەك، ئاياللارنىڭ دۇرۇس ئىشلارنى قىلىشنىڭ تۈرتكىسى ئەرلىرىدىن قورقۇش ئەمەس، بەلكى خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.\f*  \x + \xo 3:6 \xt يار. 18‏:12. \x* \m \v 7 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن \add خۇدا\add* شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار»\+bd* ــ «ئاجىز بەندە» گرېك تىلىدا «ئاجىز قاچا-قۇچا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پېترۇسنىڭ مۇشۇ يەردە ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارمۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغان قوراللار ياكى ئەسۋابلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى. مۇشۇ يەردە «چۈشىنىپ يېتىش» گرېك تىلىدا «بىلىش» بىلەن ئىپادلىنىدۇ. «يار.» 1:4 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. بۇ ئىبارە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۆز جىنسىي مۇھەببىتىگە بولغان موھتاجلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. \+bd «سىلەر ئۇلار بىلەن خۇدا شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار»\+bd* ــ «خۇدا شاپائەت قىلغان ھاياتقا مىراسخور» ــ گرېك تىلىدا «ھاياتنىڭ شاپائىتىگە مىراسخور...».\f*  \x + \xo 3:7 \xt ئ‍ەف. 5‏:25-33؛ كول. 3‏:19. \x* \b \m \s1 ھەققانىيلىق ئۈچۈن ئازاب چېكىش \m \v 8 ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «...ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار»\+bd* ــ ياكى «... ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە ئەدەپلىك بولۇڭلار».\f*  \x + \xo 3:8 \xt رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16. \x* \v 9 يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر. \x + \xo 3:9 \xt لاۋ. 19‏:18؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ مات. 5‏:39؛ 25‏:34؛ رىم. 12‏:17؛ 1كور. 6‏:7؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1تىم. 4‏:8. \x* \v 10 چۈنكى \add مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك\add*: ــ \m «كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە، \m تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن، \m لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛\x + \xo 3:10 \xt زەب. 34‏:12-16؛ ياق. 1‏:26\x* \m \v 11 يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىپ، \m گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرسۇن؛ \m ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرسۇن.\f □ \fr 3:11 \ft \+bd «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ،..»\+bd* ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».\f*  \x + \xo 3:11 \xt زەب. 37‏:27؛ يەش. 1‏:16؛ 3يۇھ. 11. \x* \m \v 12 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، \m ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ \m لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».\f □ \fr 3:12 \ft \+bd «...چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ»\+bd* ــ (10-12-ئايەت) «زەب.» 12:34-16.\f*  \x + \xo 3:12 \xt زەب. 34‏:12-16\x* \m \v 13 ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلار؟ \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار،...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەگەر سىلەر ياخشى قىلغۇچىلارنى ئۈلگە قىلساڭلار،...» دېيىلىدۇ.\f* \v 14 لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛ \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار...»\+bd* ــ «يەش.» 12:8.\f*  \x + \xo 3:14 \xt يەش. 8‏:12-13؛ يەر. 1‏:8؛ مات. 5‏:10؛ 1پېت. 2‏:20؛ 4‏:14. \x* \v 15 بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 13:8دە تېپىلىدۇ. «رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار» گرېك تىلىدا «رەبنى مۇقەددەس قىلىپ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ ئايەتتە «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «پاك» دېگەن ئادەتتىكى مەنىدە ئىشلىتىلمەي، بەلكى رەبنىڭ ھەممە باشقا زاتلاردىن پۈتۈنلەي باشقىچە، پۈتۈنلەي ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلار»\+bd* ــ «ئۈمىد» ــ مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلىغان، ئەلۋەتتە. \+bd «سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار»\+bd* ــ «ئىخلاسلىق بىلەن» گرېك تىلىدا «قورقۇنچ بىلەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. \fp بىزنىڭچە بۇ قورقۇنچ: (1) خۇدادىن بولىدۇ ــ دېمەك، مەن جاۋاب بەرگىنىمدە ئادەمنىڭ چىرايىدىن ياكى ئۇنى رەنجىتىشتىن قورقمايمەن، بەلكى پەقەت خۇدادىن قورقىمەن، ۋە (2) جاۋابىمنىڭ بىرەر جايىنىڭ ھەقىقەتتىن ئېزىپ كېتىشىدىن، گېپىمىنىڭ خاتالىق يېرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇشمۇ بار.\f*  \x + \xo 3:15 \xt ئايۇپ 1‏:21؛ زەب. 119‏:46؛ روس. 4‏:8. \x* \v 16 ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. \x + \xo 3:16 \xt تىت. 2‏:8؛ 1پېت. 2‏:15،12. \x* \v 17 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، \add ئەلۋەتتە\add*. \v 18 چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛\f □ \fr 3:18 \ft \+bd «يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى»\+bd* ــ «ھەققانىي بولغۇچى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. \+bd «گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب ھەقىقەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:18 \xt رىم. 5‏:6؛ ئىبر. 9‏:28،15. \x* \v 19 شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، \add ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى\add* جاكارلىدى. \f □ \fr 3:19 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى جاكارلىدى»\+bd* ــ «مۇشۇ روھىي ھاياتلىق بىلەن بېرىپ...» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا بېرىپ...» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەينى گرېكچە تېكىستتە ئۇنىڭ نېمىنى جاكارلىغىنى ئېنىق دېيىلمىگەن. بىز «ئۆزىنىڭ غەلىبىسى»نى قوشۇپ يازدۇق. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا «جاكارلاش» دېگەن پېئىلنىڭ مەلۇم بىر تولدۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك، شۇنىڭدەك مەسىھ ئۇلارغا ئۇقتۇرغان خەۋەرنىڭ مەزمۇنى چوقۇم ئۆزىنىڭ باياتىن ئادا قىلغان ئۇلۇغ قۇربانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى لازىم.\f*  \x + \xo 3:19 \xt 1پېت. 4‏:6. \x* \v 20 \add سولاپ قويۇلغان\add* بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ \add پەيغەمبەر\add*نىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن \add كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى\add* كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى. \f □ \fr 3:20 \ft \+bd «...سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى»\+bd* ــ «سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار» توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار: (1) ئۇلار نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە قىز-ئاياللارغا نەپس-شەھۋەت قىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 1:6-6نى ۋە ئىزاھاتنى، «2پېت.» 4:2-5، «يەھ.» 6-8نى كۆرۈڭ)؛ (2) نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى خۇدانىڭ سۆزىگە كىرمىگەن، رەھىمىنى رەت قىلىپ توپاندا ئۆلگەن ئىتائەتسىز ئادەملەرنىڭ ئىنسانىي روھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ئىككى پىكىر ۋە تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:20 \xt يار. 6‏:14،3؛ 8‏:18؛ مات. 24‏:37؛ لۇقا 17‏:26؛ رىم. 2‏:4؛ 2پېت. 2‏:5. \x* \v 21 مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ \f □ \fr 3:21 \ft \+bd «مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ»\+bd* ــ «ئادەمنىڭ پاك ۋىجدانىنىڭ ... خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان ئۈچۈن... خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى». بۇ ئىككى تەرجىمە، شۇنداقلا بۇ مۇھىم ئايەت ئوغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 3:21 \xt روس. 2‏:38-39؛ ئ‍ەف. 5‏:26؛ كول. 2‏:11-13 \x* \v 22 (مەسىھ \add تىرىلىپ\add* ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).\x + \xo 3:22 \xt ئ‍ەف. 1‏:20. \x* \b \b \m \c 4 \s1 خۇدا يولىدا ياشاش \m \v 1 ئەمدى مەسىھ تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. (چۈنكى \add خۇدا يولىدا\add* ئۆز تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولىدۇ؛\x + \xo 4:1 \xt رىم. 6‏:7؛ ئىبر. 12‏:1. \x* \v 2 ئۇنداق كىشى تېنىدە قالغان ھاياتىنى يەنە ئىنسانىي نەپس-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىدۇ).\x + \xo 4:2 \xt رىم. 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:24؛ 1تېس. 5‏:10؛ ئىبر. 9‏:14. \x* \v 3 چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار!\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن...»\+bd* ــ «يات ئەللىك ئېتىقادسىزلار» گرېك تىلىدا «يات ئەللىكلەر» ياكى «تائىپىلەر» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىنجىل دەۋرى كەلگۈچە يەھۇدىيلاردىن باشقا پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر («يات ئەللەر») دېگۈدەك بۇتپەرەس ئىدى؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە پېترۇس بۇ ئىبارە بىلەن «بۇتپەرەس كاپىرلار»نى كۆرسىتىدۇ. پېترۇسنىڭ بۇ خېتىنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇرمەنلىرى، شۈبھىسىزكى، مۇشۇنداق ئادەملەردىن ئىدى. \+bd «ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار!»\+bd* ــ «كۇپايە قىلار!» ــ بۇ ئىنتايىن كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:3 \xt ئ‍ەف. 4‏:17. \x* \v 4 بۇ ئىشلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ شۇنداق ئىپلاسلىققا يۈگۈرمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە. \v 5 ئۇلار ھامان ھەم تىرىكلەرنى ۋە ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچىغا ھېساب بەرمەي قالمايدۇ.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «ئۇلار ھامان ھەم تىرىكلەرنى ۋە ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچىغا ھېساب بەرمەي قالمايدۇ»\+bd* ــ «سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 6 شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار \add سوراق قىلىنىدىغان\add*دەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار سوراق قىلىنىدىغاندەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن»\+bd* ــ «خۇش خەۋەر» ــ مۇقەددەس كىتابتا مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىدىن بولغان نىجات توغرۇلۇق، ئەلۋەتتە. \fp بۇ ئايەت توغرۇلۇق نۇرغۇن پىكىرلەر بار. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇلارنى بايان قىلىمىز.\f*  \x + \xo 4:6 \xt يـۇھ. 5‏:25؛ 1پېت. 3‏:19. \x* \b \m \s1 خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى \m \v 7 ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار.\x + \xo 4:7 \xt لۇقا 21‏:34؛ 1يۇھ. 2‏:18. \x* \v 8 لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار».\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتىكى سۇلايماننىڭ «پەند-نەسىھەتلەر»ى 12:10دىن ئېلىنغان. مەنىسى، شۈبھىسىزكى، ھەم باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەم مۇمكىن بولسا باشقىلارغا يايماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f*  \x + \xo 4:8 \xt پەند. 10‏:12. \x* \v 9 بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار. \x + \xo 4:9 \xt رىم. 12‏:13؛ فىل. 2‏:14؛ ئىبر. 13‏:2. \x* \v 10 خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. \x + \xo 4:10 \xt پەند. 3‏:28؛ رىم. 12‏:6؛ 2كور. 8‏:11. \x* \v 11 كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن!\f □ \fr 4:11 \ft \+bd «كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن»\+bd* ــ «سۆز قىلىش» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، جامائەتتە سۆزلەش، بولۇپمۇ تەلىم بېرىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 4:11 \xt يەر. 23‏:22. \x* \b \m \s1 ئېتىقادچىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر قىلىشى \m \v 12 سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. \x + \xo 4:12 \xt يەر. 48‏:10؛ 1كور. 3‏:13؛ 1پېت. 1‏:7. \x* \v 13 بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر»\+bd* ــ «ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا»: ــ دېمەك، مەسىھ قايتا كەلگىنىدە.\f* \v 14 سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ. \f □ \fr 4:14 \ft \+bd «سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ»\+bd* ــ «يەش.» 2:11نى كۆرۈڭ. بەزى كونا كۆچۈرمىلىرىدە «ئۇلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا كۇپۇرلۇق قىلىنىدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ تەرىپىڭلاردىن ئۇلۇغلىنىدۇ» دەپ قوشۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 4:14 \xt مات. 5‏:10؛ 1پېت. 2‏:20؛ 3‏:14. \x* \v 15 ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىل، ئوغرى، رەزىل ياكى چېپىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. \v 16 بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام \add بىلەن\add* \add ئاتالغانلىقى\add* ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن. \f □ \fr 4:16 \ft \+bd «بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن»\+bd* ــ «مەسىھىي» گرېك تىلىدا «خرىستىيان». «مەسىھ» گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 17 چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟ \f □ \fr 4:17 \ft \+bd «چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، روسۇل پېترۇس يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە سىناشلار خۇدانىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن بىرخىل سوراقنىڭ باشلىنىشى ياكى تەربىيە بولۇپ، كەمچىلىكلىرىمىزنى ئوچۇق قىلىدىغان سىناقلار، دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 4:17 \xt يەر. 25‏:29؛ لۇقا 10‏:12؛ 23‏:31. \x* \v 18 \add دەل\add* \add مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك\add*: ــ \m «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، \m ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»\f □ \fr 4:18 \ft \+bd «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»\+bd* ــ تەۋرات «پەند.» 13:11، LXX گرېكچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. گرېك تىلىدا «ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلار نەدە كۆرۈنىدۇ؟!» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 4:18 \xt پەند. 11‏:31. \x* \b \m \v 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن.\f □ \fr 4:19 \ft \+bd «... خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن»\+bd* ــ «ۋەدىسىدا تۇرىدىغان ياراتقۇچى» دېگەن ئىبارە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز.\f* \b \b \m \c 5 \s1 ئاقساقاللار ۋە ياشلارغا قىلىنغان نەسىھەت \m \v 1 ئەمدى مەن ئاراڭلاردىكى ئاقساقاللاردىن (مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە) شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە...»\+bd* ــ «نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپ» دېگەنلىك مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىدە نامايان بولىدىغان شان-شەرەپ.\f* \v 2 ــ خۇدانىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پادىسىنى ئوبدان بېقىڭلار؛ ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارەن زىممىڭلارغا ئېلىڭلار؛ پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.\f □ \fr 5:2 \ft \+bd «خۇدانىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پادىسىنى ئوبدان بېقىڭلار»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ... پادىسى» جامائەت، ئەلۋەتتە. \+bd «ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارەن زىممىڭلارغا ئېلىڭلار»\+bd* ــ «ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «خۇداغا قاراپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ...» دېيىلىدۇ. \+bd «پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار»\+bd* ــ «پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس» دېگەنلىك پېترۇسنىڭ ئەينى سۆزلىرى: ــ «ھارامدىن بولغان پۇل ئۈچۈن ئەمەس» ــ پېترۇسنىڭ مۇشۇ سۆزلەر بىلەن كۆرسەتكىنى: «پۇل ئادەمنى چوقۇم گۇناھكار قىلىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ھەربىرىمىز پۇلنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؛ ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى، شۈبھىسىزكى، پۇلنىڭ دەرۋەقە ئادەمنى گۇناھكار قىلىش خەتىرى باردۇر. پۇلنىڭ ئۆزى ئەسلىدە گۇناھنىڭ دۇنيادا پەيدا بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان؛ گۇناھ بولمىسا پۇل بولالمايتتى؛ شۇ تەرەپتىنمۇ «ھارامدىن بولغان».\f*  \x + \xo 5:2 \xt روس. 20‏:28؛ 1تىم. 3‏:3؛ تىت. 1‏:7. \x* \v 3 خۇدانىڭ پادىسىغا غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار.\f □ \fr 5:3 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىسىغا غوجائۆز غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار»\+bd* ــ ياكى «ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغانلارغا (جامائەتتىكىلەرگە، دېمەك) ئۆزى بەگ ئۆزى خان بولۇۋالماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار».\f*  \x + \xo 5:3 \xt 2كور. 1‏:24؛ فىل. 3‏:17؛ 1تىم. 4‏:12؛ تىت. 2‏:7. \x* \v 4 شۇنداق قىلساڭلار، باش پادىچى ئاشكارە بولغاندا، مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.\f □ \fr 5:4 \ft \+bd «باش پادىچى قايتىپ ئاشكارە بولغاندا»\+bd* ــ رەب ئەيسا قايتىپ كەلگەندە. \+bd «مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر»\+bd* ــ گرېك «ئولىمپىك» مۇسابىقىسىدە غالىبلارغا گۈل-گىياھتىن ئۆرۈلگەن تاج ئىنئام قىلىناتتى. بۇ بىر كۈن ئىچىدىلا توزۇپ كېتىدىغان تاج، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 5:4 \xt يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ يـۇھ. 10‏:11؛ 1كور. 9‏:25؛ ئىبر. 13‏:20؛ 2تىم. 4‏:8؛ ياق. 1‏:12؛ 1پېت. 1‏:4؛ 2‏:25. \x* \m \v 5 ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ».\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار»\+bd* ــ «چوڭلار» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاقساقاللار». لېكىن مۇشۇ يەردە «چوڭلار» ياكى «ياشانغانلار»غا توغرا كېلىدۇ. \+bd «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ»\+bd* ــ «پەند.» 34:3؛ «ياق.» 6:4نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:5 \xt پەند. 3‏:34؛ رىم. 12‏:10؛ فىل. 2‏:3؛ ياق. 4‏:6. \x* \v 6 ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ تولۇق مەنىسى بەلكىم «خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئۈستۈڭلارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن چۈشكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاستىدا تۆۋەن تۇرۇڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭ ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار».\f*  \x + \xo 5:6 \xt ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ ياق. 4‏:10. \x* \v 7 بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ.\x + \xo 5:7 \xt زەب. 55‏:22؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1كور. 9‏:9؛ فىل. 4‏:6؛ ئىبر. 13‏:5؛ 1تىم. 6‏:8. \x* \m \v 8 ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛\x + \xo 5:8 \xt ئايۇپ 1‏:7؛ لۇقا 22‏:31؛ 1تېس. 5‏:6؛ 1پېت. 1‏:13؛ 4‏:7. \x* \v 9 سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ. \f □ \fr 5:9 \ft \+bd «چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ»\+bd* ــ «پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلار» دېگەنلىك بەلكىم (1) يەھۇدىيە-گالىيلىيەدە تۇرۇۋاتقان، ئۆز يۇرتداشلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان يەھۇدىي قېرىنداشلارنى؛ (2) «يات ئەللىك قېرىنداشلار» ــ يات ئەللىك بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان، ئۇلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان يەھۇدىي ئەمەس قېرىنداشلارنى، ياكى؛ (3) ھەر ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. \fp «تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ» دېگەن سۆز بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ؛ (1) خۇدانىڭ مەقسەتلىرىگە، شۇنداقلا ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىگە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە؛ (2) چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:9 \xt ئ‍ەف. 4‏:27؛ ياق. 4‏:7. \x* \v 10 ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ. \f □ \fr 5:10 \ft \+bd «خۇدا... ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ...»\+bd* ــ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ» ياكى «قوراللاندۇرۇپ» ياكى «كامىل قىلىپ...». \+bd «(سىلەرنى) ... ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىش»\+bd* ــ گرېك تىلىدا بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 5:10 \xt ئىبر. 10‏:37؛ 1پېت. 1‏:6. \x* \v 11 ئۇنىڭغا \add بارلىق\add* شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!\f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئۇنىڭغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «ئۇنىڭغا بارلىق كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 ئاخىرقى سالام \m \v 12 مەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يېزىپ، ئۆزۈم سادىق قېرىندىشىم دەپ بىلىدىغان سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە يوللىدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمنىڭ مەقسىتى، سىلەرگە جېكىلەش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار.\f □ \fr 5:12 \ft \+bd «مەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يېزىپ، ئۆزۈم سادىق قېرىندىشىم دەپ بىلىدىغان سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە يوللىدىم»\+bd* ــ مۇشۇ سىلۋانۇس بەلكىم ئەسلىدە روسۇل پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ۋە خىزمەتدىشى بولغان سىلۋانۇس ئىدى (مەسىلەن «روس.» 16-17-بابلارنى كۆرۈڭ) «سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن» ــ يەنى مۇمكىنچىلىك باركى، ئۇشبۇ خەتنى يېزىشقا سىلۋانۇس روسۇل پېترۇسقا كاتىپ بولغانىدى. \+bd «ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمنىڭ مەقسىتى، سىلەرگە جېكىلەش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش...»\+bd* ــ «جېكىلەش» ۋە «رىغبەتلەندۈرۈش» گرېك تىلىدا بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.\f* \m \v 13 سىلەر بىلەن بىللە تاللانغان بابىلدا تۇرۇۋاتقان جامائەت ۋە ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام. \f □ \fr 5:13 \ft \+bd «سىلەر بىلەن بىللە تاللانغان بابىلدا تۇرۇۋاتقان جامائەت»\+bd* ــ تارىخشۇناسلار «بابىل» دېگەنلىكنى ھەقىقىي (ئەفرات دەرياسى بويىدىكى) بابىلون (بابىل) شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بابىل»نى «رىم شەھىرىنىڭ ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى مەخپىي نامى» دەپ قارايدۇ ــ شۇ ۋاقىتتىكى ئېتىقادچىلار رىم شەھىرىنى مەخپىي ھالدا بابىل (چىرىكلىشىپ كەتكەن «بۇ دۇنيا»نىڭ سىمۋولى) دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. روسۇل پېترۇسنىڭ بابىل شەھىرىدە بولغانلىقى توغرىسىدا تارىختا مەلۇمات يوق ۋە ئۇنىڭ رىم شەھىرىدە تۇرغانلىقى توغرۇلۇق ئىسپات بار. \fp \+bd «جامائەت»\+bd* ــ ئەسلىدىكى گرېكچە تېكىستتە ــ «تۇرۇۋاتقان قىز». بۇ ئىبارە رىمدىكى جامائەتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. \+bd «ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام»\+bd* ــ «ئوغلۇم ماركۇس» روسۇل پېترۇسنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئوغلى. ئەمەلىيەتتە ماركۇس پېترۇسنىڭكى جىيەن ئۇكىسى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \m \v 14 بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سۆيۈشۈپ سالاملىشىڭلار. \m سىلەرگە، يەنى مەسىھدە بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق-خاتىرجەملىك يار بولغاي!\x + \xo 5:14 \xt رىم. 16‏:16؛ 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1تېس. 5‏:26. \x*