\id 1JN \h يۇھاننا «1» \toc1 يۇھاننا «1» \toc2 يۇھاننا «1» \toc3 1يۇھ. \mt1 يۇھاننا «1» \c 1 \s1 «روسۇل يۇهاننا يازغان بىرىنچى مەكتۇپ» •••• ئەيسا مەسىھ ــ ھاياتلىق كالامىدۇر \m \v 1 ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا \add سىلەرگە بايان قىلىمىز\add*\x + \xo 1:1 \xt لۇقا 24‏:39؛ يـۇھ. 20‏:27؛ يـۇھ. 1‏:1، 14؛ 2پېت. 1‏:16. \x* \v 2 (بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز)\f □ \fr 1:2 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز»\+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەر بۇ خەتتە «ئاتا» ۋە «ئوغۇل» دېگەن سۆزلەرنى كۆرسە، خۇدائاتا ۋە خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ كالامى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 3 ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر.\f □ \fr 1:3 \ft \+bd «سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر»\+bd* ــ «سىرداش-ھەمدەملىك» دېگەنلىك ئىنجىلدا بۇ ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، گرېك تىلىدا «ئورتاقلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم خۇدا بىلەن بولغان ئالاقىنى، ھەم ئېتىقادچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ شاپائىتىدىن ئورتاق نېسىۋە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.\f* \v 4 سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.\f □ \fr 1:4 \ft \+bd «سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ...»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز تولۇپ تاشسۇن دەپ... » دېيىلىدۇ.\f* \b \m \s1 خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا پاك ياشاش \m \v 5 ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.\x + \xo 1:5 \xt يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:35، 36. \x* \v 6 ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز»\+bd* ــ «ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز» گرېك تىلىدا «ھەقىقەتنى قىلمايمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 7 لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ»\+bd* ــ «ئۇ ئۆزى» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، خۇدانى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 1:7 \xt ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:5. \x* \v 8 ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.\x + \xo 1:8 \xt 1پاد. 8‏:46؛ 2تار. 6‏:36؛ ئايۇپ 9‏:2؛ زەب. 143‏:2؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20. \x* \v 9 گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر. \f □ \fr 1:9 \ft \+bd «گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر»\+bd* ــ نېمىشقا روسۇل «ئۇ (خۇدا) ... ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر» دەيدۇ؟ \fp (1) خۇدا «مۇقەددەس بەندىلىرىنى ئېتىقادى تۈپەيلىدىن كەچۈرۈم قىلدىم» دېسە، ئۇ سۆزىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ \fp (2) خۇدا ئادىل سوتچى بولۇپ، گۇناھنى جازالىماي قويمايدۇ. شۇڭا بىزنى كەچۈرۈش ئۈچۈن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان قۇربانلىقىمىز گۇناھسىز ئەيسا مەسىھكە قويغان؛ ئۇ بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئۆلدى. شۇڭا يۇھاننا ««خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈشكە... ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر» دەيدۇ. خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈشى بىلەن ئىش توختىمايدۇ، ئەلۋەتتە؛ ئۇ يەنە بىزنى «بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىدۇ».\f*  \x + \xo 1:9 \xt زەب. 32‏:5؛ پەند. 28‏:13. \x* \v 10 ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. \b \b \m \c 2 \s1 ئەيسا مەسىھ - خۇداغا بولغان ۋەكىلىمىزدۇر \m \v 1 ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر.\f □ \fr 2:1 \ft \+bd «ئى ئەزىز بالىلىرىم،...»\+bd* ــ «ئەزىز بالىلىرىم» گرېك تىلىدا «كىچىك بالىلىرىم». \+bd «مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر»\+bd* ــ «ياردەمچى ۋەكىل» گرېك تىلىدا «پاراكلېتوس» دېيىلىدۇ، بۇ سۆز «يۇھ.» 16:14، 26، 26:15، 7:16دە «ياردەمچى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. «پاراكلېتوس» شۇ يەرلەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ. شۇ يەرلەردىكى بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:1 \xt 1تىم. 2‏:5؛ ئىبر. 7‏:25. \x* \v 2 ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن \add جازانى كۆتۈرگۈچى\add* كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 2:2 \ft \+bd «ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن جازانى كۆتۈرگۈچى كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ «جازانى كۆتۈرگۈچى كافارەت» ــ 18:4 «رىم.» 25:3، «ئىبر.» 5:9دە مۇشۇنىڭغا يېقىن بىر سۆز تېپىلىدۇ. تەۋراتتا بۇ سۆز (ئىبرانىي تىلىدا) «كافارەت تەختى» ياكى «رەھىم تەختى» («مىس.» 17:25) ھەم بەزىدە «گۇناھ تىلەش قۇربانلىقى» ياكى «گۇناھنى ياپقۇچى قۇربانلىق» دېگەن مەنىدە كۆرۈلىدۇ. ئىنجىلدا ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى خۇدانىڭ غەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ۋە شۇنداقلا گۇناھلاردىن پاك قىلىشتۇر.\f*  \x + \xo 2:2 \xt يـۇھ. 4‏:42؛ رىم. 3‏:25؛ 2كور. 5‏:18؛ كول. 1‏:20؛ 1يۇھ. 4‏:10، 14. \x* \m \v 3 بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. \v 4 «ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر.\x + \xo 2:4 \xt 1يۇھ. 4‏:20. \x* \v 5 لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز.\f □ \fr 2:5 \ft \+bd «لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ»\+bd* ــ ئىنجىل بويىچە ئىنسانلار بىر-بىرىمىزنى سۆيۈش ئۈچۈن ۋە خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيۈش ئۈچۈن قەلبىمىزگە «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» مۇقەددەس روھ ئارقىلىق تۆكۈلۈشى كېرەك («رىم.» 5:5) ئاندىن بىزنىڭ خۇداغا ۋە ئىنسالارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» خۇدادىن كەلگەن ھەم بىزدىن خۇداغا ھەم ئىنسانلارغا قارىتىلغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز»\+bd* ــ «ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىز»: ــ دېمەك، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغانلىقتۇر. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدىكى «مەسىھدە» «خۇدادا» ۋە «روھتا» توغرۇلۇق بايانلىرىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:5 \xt يـۇھ. 13‏:35. \x* \v 6 «خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا \add ئەيسانىڭ\add* ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك.\f □ \fr 2:6 \ft \+bd ««خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا...»\+bd* ــ «خۇدادا» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا». \+bd «ئەيسانىڭ ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك».\f*  \x + \xo 2:6 \xt يـۇھ. 13‏:15؛ 1پېت. 2‏:21. \x* \b \m \s1 قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش نۇرنىڭ بەلگىسى \m \v 7 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە \add بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان\add* يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر»\+bd* ــ يۇھاننا كۆرسەتكەن ئەمر، شۈبھىسىزكى، «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىڭلار». 11:3، 21:4، «يۇھ.» 34:13، 12:15نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:7 \xt 2يۇھ. 5. \x* \v 8 لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر \add دېسەكمۇ بولىدۇ\add*؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى»\+bd* ــ بۇ سىرلىق ئەمما بەك مۇھىم 7-8-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. بىزنىڭچە ئاساسىي مەنىسى شۇكى، «روھىي ھايات» كەلگەندىن كېيىن ئىنسانلاردا «بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىش» ھەقىقەتەن مۇمكىن بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئەمرمۇ «يېڭى» بولىدۇ.\f*  \x + \xo 2:8 \xt يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12. \x* \v 9 كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. \v 10 قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا تۇرماقتا، ئۇنىڭدا گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. \x + \xo 2:10 \xt يـۇھ. 12‏:35؛ 1يۇھ. 3‏:14. \x* \v 11 لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن. \m \v 12 مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى.\f □ \fr 2:12 \ft \+bd «ئى ئەزىز بالىلىرىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئى كىچىك بالىلىرىم». \+bd «مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى»\+bd* ــ «ئۇنىڭ نامى» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدۇر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ئەيسا» دېگەن نام «پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتى» دېگەن مەنىدە.\f*  \x + \xo 2:12 \xt لۇقا 24‏:47؛ روس. 4‏:12؛ 13‏:38. \x* \m \v 13 مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. \m مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار.\f □ \fr 2:13 \ft \+bd «مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار»\+bd* ــ «ئۇ رەزىل» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى سىلەر ئاتىنى تونۇدۇڭلار. \m مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. \m مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر كۈچلۈكسىلەر، خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردە تۇرىدۇ ۋە سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار. \b \m \v 15 بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر»\+bd* ــ ئاتىنىڭ سۆيگۈسى» خۇدادىن كەلگەن مۇھەببەت، دېمەك. 5:2 ۋە ئۇنىڭدىكى «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» توغرۇلۇق ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:15 \xt گال. 1‏:10؛ ياق. 4‏:4. \x* \v 16 چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛ \f □ \fr 2:16 \ft \+bd «چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس...»\+bd* ــ «ئەتتىكى ھەۋەس»: ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەتلەر» كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنسانلاردىكى گۇناھىنىڭ تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزنىڭ ئىنسانلاردىكى «ئەت» ۋە «ئەتلەر» توغرۇلۇق بايانلارنى كۆرۈڭ. \+bd «چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ بۇ ئۈچ ئامىلىنىڭ (1) شەيتاننىڭ ھاۋائانىمىزنىڭ ئالدىغا قويغان ئۈچ خىل ئېزىتقۇ ئامىلىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى («يار.» 6:3)؛ (2) شەيتاننىڭ چۆل باياۋاندا ئەيسا مەسىھنى سىنىغاندىكى ئۈچ خىل ۋەسۋەسىسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ («مات.» 1:4-11، «لۇقا» 1:4-13نى كۆرۈڭ).\f* \v 17 ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.\x + \xo 2:17 \xt زەب. 90‏:9-10؛ يەش. 40‏:6؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 1‏:10؛ 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24. \x* \b \m \s1 دەججال ــ ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبى \m \v 18 ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ \add ئاخىر زاماندا\add* كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. \f □ \fr 2:18 \ft \+bd «ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم»\+bd* ــ «دەججال» گرېك تىلىدا «ئانتىخرىستوس». دەججال توغرۇلۇق «دان.» 9-بابتىكى ئىزاھاتلارنى، «مات.» 24-باب ۋە ئىزاھاتلىرىنى ۋە «2تېس.» 2-باب ۋە ئىزاھاتلارنى، «ۋەھىي» 13-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»نى (دەججال توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «نۇرغۇن دەججاللار» مەسىھ ۋە ئۇنىڭ تەلىمىگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ (19- ۋە 22-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 2:18 \xt مات. 24‏:5؛ 2تېـس. 2‏:3. \x* \v 19 ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى.\f □ \fr 2:19 \ft \+bd «ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى»\+bd* ــ «... ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن» ــ دېمەك، خۇدا تەرپىدىن بېكىتىلگەن ئىش؛ شۇبھىسىزكى، مۇشۇ «دەججاللار» قېرىنداشلارنىڭ كىچىك پېئىللىقىغا، شۇنداقلا مەغرۇرلۇققا بولغان ئۆچمەنلىكىگە چىدىمىغان بولۇپ، شۇ چاغدا خۇدا ئۇلارنى جامائەتكە پاش قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز مەغرۇر تەبىئىيىتىنىڭ كەينىگە كىرىشكە قوزغىغان؛ شۇنىڭ بىلەن «ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى».\f*  \x + \xo 2:19 \xt زەب. 41‏:9؛ روس. 20‏:30؛ 1كور. 11‏:19. \x* \m \v 20 ھالبۇكى، سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر. \f □ \fr 2:20 \ft \+bd «مۇقەددەس بولغۇچى»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار»\+bd* ــ «مەسىھلىگۈچى روھ» دېگەن بۇ سۆز مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ سۆز ئەسلىدە تەۋرات دەۋرىدە پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە بەزىدە پەيغەمبەرلەرنى ئۆز مەنسىپىگە بېكىتىش ۋە تەستىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا قۇيۇلغان «مۇقەددەس ماي»نى كۆرسىتەتتى («مەسىھلىگۈچى ماي»)؛ بۇ ئىش تەۋراتتا «مەسىھ قىلىش» ياكى «مەسىھلەش» دەپ ئاتىلاتتى. ئىنجىل دەۋرىدە ناسارەتلىك ئەيسا ماي بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنغان» («مات.» 16:3، «لۇقا» 22:3، 18:4، «روس.» 38:10نى كۆرۈڭ). \fp ھازىر مەسىھ ئەسلىدە ئۆزىنى «مەسىھ قىلغۇچى روھ»نى، يەنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنجىل دەۋرىدە تەۋراتتىكى «مەسىھلەش مېيى»نىڭ ئادەمنىڭ بېشىغا قۇيۇلۇشىنىڭ ئورنىغا، «مەسىھلىگۈچى روھ»، يەنى مۇقەددەس روھ ئادەمنىڭ روھ-قەلبىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ شۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ. \+bd «مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر»\+bd* ــ «سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر» ياكى «سىلەر ھەممە ئادەمنى بىلىسىلەر» ياكى «ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر».\f*  \x + \xo 2:20 \xt زەب. 45‏:7؛ 133‏:2؛ 2كور. 1‏:21؛ ئىبر. 1‏:9. \x* \v 21 سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. \v 22 ئەمىسە، كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. ئاتا ۋە ئوغۇلنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى ئۆزى بىر دەججالدۇر. \v 23 كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ.\f □ \fr 2:23 \ft \+bd «كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا، ئۇ ئاتىغا ئىگە بولمايدۇ؛ لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇ ئاتىغىمۇ ئىگە بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 2:23 \xt لۇقا 12‏:9؛ 2تىم. 2‏:12. \x* \m \v 24 سىلەر بولساڭلار، بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلاردا داۋاملىق تۇرغۇزىۋېرىڭلار. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلار سىلەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، سىلەرمۇ داۋاملىق ئوغۇل ۋە ئاتىدا ياشاۋاتقان بولىسىلەر؛ \v 25 ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر.\f □ \fr 2:25 \ft \+bd «ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر»\+bd* ــ «ئۇنىڭ قىلغان ۋەدىسى بولسا» ــ خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى ياكى ئەيسانىڭ ۋەدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە «ئۇ» 20-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «مۇقەددەس بولغۇچى»نى، يەنى ئەيسانى كۆرسەتسە كېرەك.\f* \m \v 26 سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛ \v 27 سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ــ ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر.\f □ \fr 2:27 \ft \+bd «سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ»\+bd* ــ «ئۇنىڭدىن» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ ئۆزىنى ياكى ئەيسانى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە «ئۇ» يەنە 20-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «مۇقەددەس بولغۇچى»نى، يەنى ئەيسانى كۆرسەتسە كېرەك. \+bd «مەسىھلىگۈچى روھ»\+bd* ــ 20-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 2:27 \xt يەر. 31‏:34؛ ئىبر. 8‏:11. \x* \m \v 28 ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز. \f □ \fr 2:28 \ft \+bd «ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز»\+bd* ــ «قورقماس» ياكى «يۈرەكلىك».\f*  \x + \xo 2:28 \xt مار. 8‏:38؛ 1يۇھ. 3‏:2. \x* \v 29 \add خۇدانىڭ\add* ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك.\f □ \fr 2:29 \ft \+bd «خۇدانىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر». مۇشۇ ئايەتتە خۇدانى كۆرسىتىشى كېرەك، چۈنكى ئايەتنىڭ كېيىنكى قىسمىدا «ئۇنىڭدىن (خۇدادىن) تۇغۇلۇش» تىلغا ئېلىنىدۇ. \+bd «ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك»\+bd* ــ «ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى»: ــ دېمەك، خۇدانىڭ پەرزەنتى، «قايتىدىن، يۇقىرىدىن تۇغۇلغان» كىشىنى كۆرسىتىدۇ. «يۇھ.» 1:3-21نى كۆرۈڭ.\f* \b \b \m \c 3 \s1 بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى \m \v 1 قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى»\+bd* ــ «ئۇنى» ئەيسا مەسىھ ياكى خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە مەسىھنى كۆرسىتىدۇ («يۇھ.» 10:1نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:1 \xt يـۇھ. 1‏:12. \x* \v 2 سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ \add قايتىدىن\add* ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز.\f □ \fr 3:2 \ft \+bd «بىراق ئۇ قايتىدىن ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز»\+bd* ــ «ئۇ» ــ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «ئۇ قايتىدىن ئايان قىلىنغاندا»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بىزنىڭچە ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار ئايەتنى باشقىچە چۈشىنىپ: ــ «ئۇ» (دېمەك، بىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز») ئايان قىلىنغاندا...» دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە روسۇل يۇھاننا مەسىھنى ئۇلۇغلاشتىكى ھەربىر پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىدۇ، مۇشۇ يەردىمۇ شۇنداق قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنىلا مەسىھنى كۆرسەتكەن.\f*  \x + \xo 3:2 \xt يەش. 56‏:5؛ مات. 5‏:12؛ يـۇھ. 1‏:12؛ رىم. 8‏:15، 18؛ 2كور. 4‏:17؛ گال. 3‏:26؛ 4‏:6؛ فىل. 3‏:21؛ كول. 3‏:4. \x* \v 3 ۋە \add مەسىھگە\add* ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا.\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «ۋە مەسىھگە ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا»\+bd* ــ «مەسىھگە» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭغا». \+bd «...ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا»\+bd* ــ «ئۇ» مۇشۇ يەردە بەلكىم مەسىھنى كۆرسىتىدۇ؛ يۇقىرىقى 2-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 4 گۇناھ سادىر قىلغان كىشى \add خۇدانىڭ\add* قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق \add خۇدانىڭ\add* قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق (خۇدانىڭ) قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر»\+bd* ــ «خۇدانىڭ قانۇنى» گرېك تىلىدا پەقەت «قانۇن» دەپ ئېيتىلىدۇ. لېكىن كۆزدە تۇتۇلغىنى مەلۇم بىر ئىنسانىي قانۇن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ قانۇنىدۇر. يۇھاننانىڭ مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى بەلكىم مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بولۇپلا قالماي، يەنە بەلكىم ھەربىر كىشىنىڭ ۋىجدانىدا (ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن) نامايان قىلىنغان خۇدانىڭ قانۇنىنى كۆرسەتسە كېرەك («رىم.» 13:2-15نىمۇ كۆرۈڭ). \fp بۇ ئايەت بولسا 29:2دىكى سۆزلەرنىڭ داۋامىدۇر.\f*  \x + \xo 3:4 \xt 1يۇھ. 5‏:17. \x* \v 5 ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر.\f □ \fr 3:5 \ft \+bd «ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان»\+bd* ــ «ئۇنى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. \fp ئۇشبۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك «يۇھ.» 29:1نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:5 \xt يەش. 53‏:12،9؛ 2كور. 5‏:21؛ 1پېت. 2‏:22؛ 1تىم. 1‏:15. \x* \v 6 ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ»\+bd* ــ «گۇناھ سادىر قىلسا،...» دېگەنلىك شۈبھىسىزكى، ئادەمنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشىنى، گۇناھ ئىلكىدىن چىقماي تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 9:3 ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \m \v 7 ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.\f □ \fr 3:7 \ft \+bd «ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر»\+bd* ــ «ئۇ» بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە يەنە مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى 5-6-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:7 \xt 1يۇھ. 2‏:29. \x* \v 8 لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر. \v 9 خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. \f □ \fr 3:9 \ft \+bd «خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئۇرۇقى (ياكى «نەسلى») ئۇنىڭدىن ئورۇن ئالغاچقا...» دېگەنلىكتە «خۇدانىڭ ئۇرۇقى» مەسىھنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، مەسىھ ئەيسانىڭ تەبىئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مات.» 1:13-23، «يۇھ.» 24:12، «رىم.» 15:4-17نى، 7:9-8 ۋە «گال.» 16:3نى كۆرۈڭ. \fp بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:9 \xt 1پېت. 1‏:23؛ 1يۇھ. 5‏:18. \x* \v 10 خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر. \m \v 11 چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر. \x + \xo 3:11 \xt يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ 1يۇھ. 3‏:23. \x* \v 12 ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. \x + \xo 3:12 \xt يار. 4‏:8؛ ئىبر. 11‏:4. \x* \v 13 شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. \x + \xo 3:13 \xt يـۇھ. 15‏:18. \x* \v 14 بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. \x + \xo 3:14 \xt 1يۇھ. 2‏:10. \x* \v 15 قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. \f □ \fr 3:15 \ft \+bd «قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر»\+bd* ــ «مات.» 21:5-22نى كۆرۈڭ. \+bd «ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر ھېچبىر قاتىل خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن «مات.» 31:12، «1كور.» 9:6-11نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:15 \xt مات. 5‏:21؛ گال. 5‏:21. \x* \v 16 بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. \f □ \fr 3:16 \ft \+bd «بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى...»\+bd* ــ «ئۇ» ــ مەسىھ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 3:16 \xt يـۇھ. 15‏:13؛ ئ‍ەف. 5‏:2. \x* \v 17 ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ \f □ \fr 3:17 \ft \+bd «ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ...»\+bd* ــ «مال-مۈلۈك» مۇشۇ يەردە، گرېك تىلىدا «تىرىكچىلىك» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 3:17 \xt قان. 15‏:7؛ لۇقا 3‏:11؛ ياق. 2‏:15. \x* \v 18 ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. \v 19 بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە \add خۇدانىڭ\add* ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. \f □ \fr 3:19 \ft \+bd «بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە (خۇدانىڭ) ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز»\+bd* ــ «خۇدانىڭ ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز». \+bd «...خاتىرجەم قىلالايمىز»\+bd* ــ ياكى «قايىل قىلالايمىز». دېمەك، بىرسى «مەن خۇدادىنمۇ، ئەمەسمۇ؟» دەپ گۇمانلانغان بولسا، ئۆزىدىن «مەندە مېھىر-مۇھەببەت بارمۇ-يوق؟» دەپ سورىسا ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسا، «مەن ھەقىقەتەن خۇدادىن تۇغۇلغانمەن» دەپ ئۆزىنى قايىل قىلالايدۇ.\f* \v 20 شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. \f □ \fr 3:20 \ft \+bd «شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «قەلبىمىز» بەلكىم «ۋىجدانىمىز»نى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 21 سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز \f □ \fr 3:21 \ft \+bd «سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە «قەلبىمىز» بەلكىم يەنە «ۋىجدانىمىز»نى كۆرسىتىدۇ. \+bd «يۈرەكلىك تۇرىمىز»\+bd* ــ ياكى «قورقماس تۇرىمىز».\f* \v 22 ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. \x + \xo 3:22 \xt يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:8؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 5‏:14. \x* \v 23 ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. \f □ \fr 3:23 \ft \+bd «ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر»\+bd* ــ «ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنى» مۇشۇ يەردە بىزنىڭچە خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ (مەسىھ ئارقىلىق) بىزگە تاپىلىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 3:23 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 6‏:29؛ 13‏:34؛ 15‏:12؛ 17‏:3؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 4‏:21. \x* \v 24 ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى \add خۇدادا\add* ياشايدىغان ۋە \add خۇدامۇ\add* ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر.\f □ \fr 3:24 \ft \+bd «ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى خۇدادا ياشايدىغان...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدا ياشايدىغان...». \+bd «...ۋە خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ۋە ئۇمۇ ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ».\f*  \x + \xo 3:24 \xt يـۇھ. 14‏:23؛ 15‏:10؛ 1يۇھ. 4‏:12. \x* \b \b \m \c 4 \s1 ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭلار \m \v 1 سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر \add «ۋەھىي قىلغۇچى»\add* روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى.\f □ \fr 4:1 \ft \+bd «سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر «ۋەھىي قىلغۇچى» روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار»\+bd* ــ ««ۋەھىي قىلغۇچى» روھ» بەلكىم ئېتىقادچىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىغا يېقىن كېلىپ «ساڭا ۋەھىي قىلىمەن» دەيدىغان روھنى، ياكى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن بولغىنى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ياكى ھەتتا جامائەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن تۇرۇپ «مەن سىلەرگە خۇدانىڭ ۋەھىيىنى ھازىر يەتكۈزىمەن» دېگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى دەل مۇشۇ «ساختا پەيغەمبەرلەر»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:1 \xt يەر. 29‏:8؛ مات. 7‏:15، 16؛ 24‏:4، 5، 24؛ 1كور. 14‏:29؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2پېت. 2‏:1؛ 2يۇھ. 7. \x* \v 2 خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ.\f □ \fr 4:2 \ft \+bd «ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ...»\+bd* ــ «ئىنسانىي تەندە» (ياكى «ئىنسان تېنىدە») گرېك تىلىدا «ئەتتە» بىلەن بىلدۈرىلىدۇ. \+bd «ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «روھ» مەلۇم ئىنساننىڭ ئاغزى ئارقىلىق گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالقىلىق مەسىلە: ــ مەلۇم بىرسى جامائەتتە سۆز قىلىپ «خۇدانىڭ ۋەھىيىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن» دېسە، بىراق «ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھ»نى ئېتىراپ قىلمىسا، ئەمدى ئۇنىڭدا سۆز قىلىدىغان روھ خۇدانىڭ روھى ئەمەس، بەلكى جىن-شەيتانلارنىڭ بىرى ياكى بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىنسانىي روھ بولىدۇ، خالاس.\f* \v 3 ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس»\+bd* ــ شۇ ۋاقىتلاردا، بەزىلەر ئەيسا مەسىھنى «ھەقىقىي ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ شەكلىدە نامايان بولغان بىر خىل روھ، خالاس» دېگەن يالغان تەلىم تارقالغانىدى. \+bd «...بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «دەججال»نىڭ مەنىسى «مەسىھگە قارشى» ھەم «مەسىھنىڭ ئورنىنى تالاشقۇچى»دۇر (يۇقىرىدىكى 18:2، 20:2 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 4:3 \xt 2تېـس. 2‏:7؛ 1يۇھ. 2‏:18، 22. \x* \m \v 4 ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر.\f □ \fr 4:4 \ft \+bd «ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار»\+bd* ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە تەلىم بەرگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر»\+bd* ــ «سىلەردە تۇرغۇچى» مۇقەددەس روھنى، «بۇ دۇنيادا تۇرغۇچى» ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 5 ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ.\f □ \fr 4:5 \ft \+bd «ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ»\+bd* ــ «ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ» ياكى «ئۇلار بۇ دۇنيادىن سۆزلەيدۇ» ياكى «ئۇلار بۇ دۇنيا توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ».\f* \v 6 بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز»\+bd* ــ «ھەقىقەتنىڭ روھى» مۇقەددەس روھنى، «ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھى» شەيتاننىڭ ئۆزى ياكى جىنلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 4:6 \xt يـۇھ. 8‏:47؛ 10‏:27. \x* \b \m \s1 خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر \m \v 7 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. \v 8 مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. \v 9 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. \x + \xo 4:9 \xt يـۇھ. 3‏:16؛ رىم. 5‏:8. \x* \v 10 مېھىر-مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر.\x + \xo 4:10 \xt رىم. 3‏:24، 25؛ 2كور. 5‏:19؛ كول. 1‏:19؛ 1يۇھ. 2‏:2. \x* \m \v 11 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز. \v 12 ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس؛ لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا بىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. \x + \xo 4:12 \xt مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 1تىم. 1‏:17؛ 6‏:16؛ 1يۇھ. 3‏:24. \x* \v 13 بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان. \f □ \fr 4:13 \ft \+bd «بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان»\+bd* ــ «ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان» گرېك تىلىدا «ئۇ ئۆز روھىدىن بىزگە ئاتا قىلغان» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 14 بىز شۇنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئاتا ئوغۇلنى دۇنياغا قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. \v 15 ئەگەر كىمدەكىم ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. \v 16 بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. \v 17 مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز. \f □ \fr 4:17 \ft \+bd «شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز»\+bd* ــ «سوراق كۈنى» ياكى «قىيامەت كۈنى». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، «قىيامەت كۈنى»نى ئەتراپلىق چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات-ئىنجىلدا ئۇنىڭ توغرىسىدىكى كۆپ تەپسىلاتلار بار. \+bd «چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «چۈنكى ئۇ قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز». دېمەك، بىز بۇ دۇنيادا ئەيسادەك ئادىل، ھەققانىي، راستچىل، كەمتەر، مېھرىبان، مۇھەببەتلىك.... بولىمىز. تەكىتلەنگىنى «بۇ دۇنيادا» ــ چۈنكى بۇ دۇنيادا ئۇنداق بولۇش پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە تولۇق كۈچ-قۇدرىتى بولسا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ.\f* \v 18 مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر.\f □ \fr 4:18 \ft \+bd «مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ»\+bd* ــ ياكى «مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ».\f* \m \v 19 بىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتى. \v 20 ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ \x + \xo 4:20 \xt 1يۇھ. 2‏:4. \x* \v 21 شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر.\x + \xo 4:21 \xt لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23. \x* \b \b \m \c 5 \s1 ئېتىقاد «بۇ دۇنيا»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ \m \v 1 ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى \add ئاتىنى\add* سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ.\f □ \fr 5:1 \ft \+bd «...ۋە تۇغدۇرغۇچى (ئاتا)نى سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم شۇ دەۋردىكى بىر تەمسىل بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچى»لار ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:1 \xt يـۇھ. 1‏:12. \x* \v 2 بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. \v 3 خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر.\x + \xo 5:3 \xt مات. 11‏:30،29؛ يـۇھ. 14‏:15؛ 15‏:10. \x* \v 4 چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر.\f □ \fr 5:4 \ft \+bd «چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر»\+bd* ــ «بۇ دۇنيا» مۇشۇ يەردە خۇداغا قارشى چىقىدىغان پۈتكۈل دۇنيادىكى ئېتىقادسىزلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئەمەلىيەتتە «بۇ دۇنيادىكىلەر» شەيتاننىڭ ئىلكىدە مەركەزلەشكەن، خۇداغا قارشى بىر تۈزۈمدۇر.\f*  \x + \xo 5:4 \xt يـۇھ. 16‏:33. \x* \v 5 بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟\x + \xo 5:5 \xt 1كور. 15‏:57؛ 1يۇھ. 4‏:15. \x* \m \v 6 ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر.\f □ \fr 5:6 \ft \+bd «ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. \fp بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىرنەچچە ساختا تەلىمگە قارىتا رەددىيە بېرىشتۇر. مۇئەللىپ قەتئىيلىك بىلەن شۇنى ئىسپاتلىماقچىكى: (1) ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ تۇغۇلدى؛ (2) ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن سۇدا چۆمۈلدۈرۈلدى؛ (3) ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ كرېستتە ئۆلدى. بۇ رەددىيىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە سەل توختىلىمىز.\f* \v 7 چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ \f □ \fr 5:7 \ft \+bd «چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار...»\+bd* ــ «ئۇنىڭ توغرۇلۇق» ــ مەسىھ توغرۇلۇق.\f* \v 8 بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ \add گۇۋاھلىقى\add* بىردۇر. \f □ \fr 5:8 \ft \+bd «بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق ۋە 6-7-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. بىرئاز كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: ــ «چۈنكى ئۇ توغرۇلۇق ئەرشتە ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: بۇلار ئاتا، كالام ۋە مۇقەددەس روھتۇر؛ بۇ ئۈچى بىردۇر. (8) يەر يۈزىدە ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ئوخشاشتۇر» دېيىلىدۇ.\f* \v 9 ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن ــ \v 10 (خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن) \x + \xo 5:10 \xt يـۇھ. 3‏:36؛ رىم. 8‏:16؛ گال. 4‏:6. \x* \v 11 گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. \x + \xo 5:11 \xt يـۇھ. 1‏:4. \x* \v 12 شۇڭا ئوغۇلغا ئىگە بولغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ؛ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىگە بولمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ. \b \m \s1 مەڭگۈلۈك ھايات \m \v 13 مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم. \x + \xo 5:13 \xt يـۇھ. 20‏:31. \x* \v 14 ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ. \x + \xo 5:14 \xt يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:8؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:2. \x* \v 15 ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز. \m \v 16 بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن. \f □ \fr 5:16 \ft \+bd «بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن»\+bd* ــ «ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ» ياكى «ۋە خۇدا ئۇلارغا (يەنى گۇناھ سادىر قىلغانلارغا) ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ». \fp «ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھ» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:16 \xt چۆل. 15‏:30؛ 1سام. 2‏:25؛ مات. 12‏:31؛ مار. 3‏:29؛ لۇقا 12‏:10؛ ئىبر. 6‏:4؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:2. \x* \v 17 ھەممە ھەققانىيەتسىزلىك گۇناھتۇر؛ ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھمۇ بار. \x + \xo 5:17 \xt 1يۇھ. 3‏:4. \x* \v 18 خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ. \f □ \fr 5:18 \ft \+bd «خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە «ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات» ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «تۇغۇلغان» بەلكىم مەسىھنىڭ ئىنسان بولۇشقا تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك. باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «خۇدادىن تۇغۇلغۇچى بولسا (يەنى، ئېتىقادچى)، ئۇ (خۇدا) ئۇنى قوغداپ قالىدۇ؛ (2) خۇدادىن تۇغۇلغۇچى ئۆزىنى قوغداپ قالىدۇ». \fp «ئاشۇ رەزىل» ــ ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 5:18 \xt 1يۇھ. 3‏:9. \x* \v 19 ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە مەلۇم؛ ئەمما پۈتكۈل دۇنيا بولسا ئۇ رەزىلنىڭ ئىلكىدىدۇر. \v 20 يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!\f □ \fr 5:20 \ft \+bd «ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز»\+bd* ــ «ھەقىقىي بولغۇچى» خۇدانى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!»\+bd* ــ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقانداق يەرلەردە «خۇدا ھاياتلىق» دېيىلمەيدۇ، لېكىن كۆپ يەرلەردە «ئەيسا مەسىھ ھاياتلىقتۇر»، دېيىلىدۇ. مەسىلەن «يۇھ.» 25:11، 6:14).\f*  \x + \xo 5:20 \xt يەش. 9‏:5؛ 44‏:6؛ 54‏:5؛ لۇقا 24‏:45؛ يـۇھ. 20‏:28؛ رىم. 9‏:5؛ 1تىم. 3‏:16. \x* \m \v 21 ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار.\f □ \fr 5:21 \ft \+bd «ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار»\+bd* ــ «بۇتلار» شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە پەقەت ئويما بۇتلارنى ياكى قۇيما بۇتلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلارنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ ئورنىنى تالىشىدىغان ھەرقانداق نەرسە ياكى ئىشتۇر. مەسىلەن، «كول.» 5:3نى كۆرۈڭ.\f*