\id 1CO \h كورىنتۇسلۇقلارغا «1» \toc1 كورىنتۇسلۇقلارغا «1» \toc2 كورىنتۇسلۇقلارغا «1» \toc3 1كور. \mt1 كورىنتۇسلۇقلارغا «1» \c 1 \s1 روسۇل پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان بىرىنچى مەكتۇپ •••• سالام \m \v 1‏-2 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى دەپ چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە، مەسىھ ئەيسادا پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرىلغانلارغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سالام!\f □ \fr 1:1‏-2 \ft \+bd «ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى»\+bd* ــ بۇ ئىبارە «ئالەمشۇمۇل جامائەت»نىڭ ئاددىي ۋە يىغىنچاق بىر تەبىرىدۇر.\f*  \x + \xo 1:1‏-2 \xt يـۇھ. 17‏:19؛ روس. 15‏:9؛ رىم. 1‏:7؛ ئ‍ەف. 1‏:1؛ 1تېس. 4‏:7؛ 2تىم. 2‏:22. \x* \v 3 ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!\x + \xo 1:3 \xt رىم. 1‏:7؛ 2كور. 1‏:2؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. \x* \m \v 4 خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن خۇدايىمغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \v 5 بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە، ھەرقانداق سۆزدە، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەردە باي قىلىنغانسىلەر،\f □ \fr 1:5 \ft \+bd «بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە ... باي قىلىنغانسىلەر»\+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھ ئەيسادا.\f*  \x + \xo 1:5 \xt كول. 1‏:9. \x* \v 6 خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك.\f □ \fr 1:6 \ft \+bd «... خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك»\+bd* ــ خۇدانىڭ ئۇلارغا روھىي ئىلتىپاتلارنى بېغىشلىغانلىقى: (1) خۇدانىڭ كورىنتلىقلارغا پاۋلۇسنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق بولغان گۇۋاھلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنى ۋە (2) خۇدانىڭ مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن مەسىھكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەستىقلىغىنى ئىدى. مەسىلەن، خۇدا روھىي ئىلتىپاتلىرى ئارقىلىق كورنېلىئۇسدىكىلەرنى «مېنىڭ ئادەملىرىم» دەپ تەستىقلىغانىدى («روس.» 44:10-48گە قاراڭ. «روھىي ئىلتىپاتلار»نى چۈشىنىش ئۈچۈن 12- ۋە 14-بابقا قاراڭ.\f* \v 7 شۇنىڭ بىلەن سىلەردە ھەرقانداق روھىي ئىلتىپات كەملىك قىلماستان، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشىنى كۈتىسىلەر؛\f □ \fr 1:7 \ft \+bd «رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشى»\+bd* ــ رەب دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە ئۇ ھەر ئادەمگە ئايان بولىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 1:7 \xt فىل. 3‏:20؛ تىت. 2‏:13. \x* \v 8 ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛\f □ \fr 1:8 \ft \+bd «رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى»\+bd* ــ ئۇنىڭ زېمىنغا قايتا كېلىدىغان كۈنى.\f*  \x + \xo 1:8 \xt 1تېس. 3‏:13؛ 5‏:23. \x* \v 9 خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر ــ سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.\f □ \fr 1:9 \ft \+bd «خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر»\+bd* ــ دېمەك، خۇدا ئادەمنى ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەس سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغاچقا، ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇنى يەنە ئاخىرغىچە گۇناھ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن ساقلاپ، پاك ھاياتتا ياشاشقا كۈچەيتىشكە ۋەدە قىلغان.\f*  \x + \xo 1:9 \xt يەر. 32‏:40-44؛ يـۇھ. 15‏:5؛ 1كور. 10‏:13؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 5‏:24؛ 1يۇھ. 1‏:3. \x* \b \m \s1 بۆلۈنۈشلەر توغرۇلۇق \m \v 10 ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ \f □ \fr 1:10 \ft \+bd «مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار...»\+bd* ــ «قېرىنداشلار» ئىنجىلدا «ئېتىقادچى ئاكا-ئۇكىلار» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا قېرىنداشلار («ئېتىقادچى ئاكا-ئۇكىلار») «ئېتىقادچى ئاچا-سىڭىللار»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پرىنسىپ «يار.» 27:1دە كۆرۈنىدۇ؛ «خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى» بولغان «ئادەم»نىڭ ئۆزى «ئەر-ئايال»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز «قېرىنداشلار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.\f*  \x + \xo 1:10 \xt رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. \x* \v 11 چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. \v 12 دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. \f □ \fr 1:12 \ft \+bd «كېفاس»\+bd* ــ روسۇل پېترۇسنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئىدى.\f*  \x + \xo 1:12 \xt روس. 18‏:24؛ 1كور. 3‏:4؛ 16‏:12. \x* \v 13 ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟\f □ \fr 1:13 \ft \+bd «سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟»\+bd* ــ «چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ» مۇشۇ يەردە سۇغا چۈمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 14 مەن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىدىم؛ \x + \xo 1:14 \xt روس. 18‏:8؛ رىم. 16‏:23. \x* \v 15 شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئادەملەرنى چۆمۈلدۈردى، دېيەلمەيدۇ. \v 16 دۇرۇس، مەن يەنە ئىستىفاناسنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم؛ باشقا بىراۋنى چۆمۈلدۈرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.\x + \xo 1:16 \xt 1كور. 16‏:15،17. \x* \m \v 17 چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى \add قۇربانلىقىنىڭ\add* كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. \x + \xo 1:17 \xt 1كور. 2‏:1، 4؛ 2پېت. 1‏:16. \x* \v 18 چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر. \x + \xo 1:18 \xt رىم. 1‏:16. \x* \v 19 چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى، «مەن دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمەنلىكىنى يوقىتىمەن، ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقىنى چەتكە قاقىمەن». \f □ \fr 1:19 \ft \+bd «چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى...»\+bd* ــ «مۇنداق پۈتۈلگەن» ــ مۇقەددەس كىتابتا يېزىقلىق. مۇشۇ يەردىكى سۆزلەر تەۋرات، «يەش.» 14:29دىن ئېلىنغان.\f*  \x + \xo 1:19 \xt ئايۇپ 5‏:12؛ يەش. 29‏:14. \x* \v 20 ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ \x + \xo 1:20 \xt يەش. 33‏:18. \x* \v 21 چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. \x + \xo 1:21 \xt مات. 11‏:25؛ لۇقا 10‏:21. \x* \v 22 چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ \f □ \fr 1:22 \ft \+bd «... گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ»\+bd* ــ شۇ زاماندىكى گرېك مەدەنىيىتىدە پەلسەپەنى چوقۇنۇش دەرىجىسىگە يەتكەن دېگىلى بولىدۇ (مەسىلەن، «روس.» 21:17 ۋە ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 1:22 \xt مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ يـۇھ. 4‏:48. \x* \v 23 ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ \f □ \fr 1:23 \ft \+bd «بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش...»\+bd* ــ ياكى «بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن پۇتلىكاشاڭ...».\f*  \x + \xo 1:23 \xt مات. 11‏:6. يـۇھ. 6‏:60،66. \x* \v 24 ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر. \x + \xo 1:24 \xt كول. 2‏:3. \x* \v 25 چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر. \v 26 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ھالىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار؛ چاقىرىلغانلار ئارىسىدا ئىنسانىي تەرەپتىن دانا قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، كۈچ-ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى؛ \f □ \fr 1:26 \ft \+bd «ئىنسانىي تەرەپتىن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەتنىڭ كۆزقارىشىچە...».\f*  \x + \xo 1:26 \xt يـۇھ. 7‏:48؛ ياق. 2‏:5. \x* \v 27 بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ \v 28 ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى قەدىرسىزلەرنى، پەس كۆرۈلىدىغانلارنى تاللىۋالدى، «يوق بولغان نەرسىلەر»نى مەۋجۇت شەيئىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تاللىۋالدى. \f □ \fr 1:28 \ft \+bd «مەۋجۇت شەيئىلەر»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە ھەرخىل ئادەملەرنى، ھۆكۈمرانلارنى، دۆلەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 29 ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر. \v 30 ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛ \f □ \fr 1:30 \ft \+bd «ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر...»\+bd* ــ «ئۇنىڭ تەرىپىدىن» خۇدا تەرىپىدىن، دېمەك. \+bd «ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر»\+bd* ــ «ھۆرلۈك-ئازادلىق» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇشتۇر.\f*  \x + \xo 1:30 \xt يەر. 23‏:5؛ يـۇھ. 17‏:19. \x* \v 31 شۇنىڭدەك \add تەۋراتتا\add* پۈتۈلگەندەك: «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىسۇن!».\f □ \fr 1:31 \ft \+bd «شۇنىڭدەك تەۋراتتا پۈتۈلگەندەك...»\+bd* ــ ئىنجىلدا «پۈتۈلگەندەك» دېيىلگەندە، «مۇقەددەس كىتابتا پۈتۈلگەندەك» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ يەردە «يەر.» 24:9.\f*  \x + \xo 1:31 \xt يەش. 65‏:16؛ يەر. 9‏:22-23؛ 2كور. 10‏:17. \x* \b \b \m \c 2 \m \v 1 مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛\x + \xo 2:1 \xt 1كور. 1‏:17؛ 2‏:4. \x* \v 2 چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ \v 3 مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛\f □ \fr 2:3 \ft \+bd «مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم»\+bd* ــ «قورقۇنچتا... ئىدىم» ــ بەلكىم ئۇ خۇدا ئۆزىگە تاپشۇرغان بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسلىقىدىن قورققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى قورقىتىدىغان كۆپ سەۋەبلارمۇ بولغان، ئەلۋەتتە («روس.» 9:18-10).\f*  \x + \xo 2:3 \xt روس. 18‏:1، 3؛ 2كور. 10‏:10. \x* \v 4 مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى.\f □ \fr 2:4 \ft \+bd «... بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى»\+bd* ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھتۇر.\f*  \x + \xo 2:4 \xt 1كور. 1‏:17؛ 2‏:1؛ 2پېت. 1‏:16. \x* \v 5 بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.\x + \xo 2:5 \xt 2كور. 4‏:7. \x* \b \m \v 6 ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛\x + \xo 2:6 \xt ئايۇپ 28‏:21؛ 1كور. 15‏:24. \x* \v 7 ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى.\f □ \fr 2:7 \ft \+bd «بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز...»\+bd* ــ «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئىنجىلدا «سىر» دېگەن سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. سىر (گرېك تىلىدا «مىستېرىئون») خۇدا ئەسلى يوشۇرۇپ كەلگەن، ئەمدى ھازىر ئاشكارىلىغان مەلۇم بىر ئىشتىن ئىبارەتتۇر.\f*  \x + \xo 2:7 \xt رىم. 16‏:25؛ 1كور. 4‏:1. \x* \v 8 بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.\f □ \fr 2:8 \ft \+bd «بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلار»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھ-ھۆكۈمدارلارنى قۇترىتىدىغان، ئۇلارغا ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان جىن-شەيتانلارنى كۆرسەتسە كېرەك.\f*  \x + \xo 2:8 \xt مات. 11‏:25؛ يـۇھ. 7‏:48؛ 16‏:3؛ روس. 3‏:17؛ 13‏:27؛ 2كور. 3‏:14؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 9 ھالبۇكى، \add تەۋراتتا\add* پۈتۈلگەنندەك: ــ \m «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ \m دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، \m ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، \m ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر».\f □ \fr 2:9 \ft \+bd «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــدەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر»\+bd* ــ «يەش.» 4:64.\f*  \x + \xo 2:9 \xt يەش. 64‏:3. \x* \m \v 10 ئەمما بۇ نەرسىلەرنى خۇدا روھى ئارقىلىق ئايان قىلدى؛ چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر؛ \f □ \fr 2:10 \ft \+bd «چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھتۇر.\f*  \x + \xo 2:10 \xt مات. 13‏:11؛ 2كور. 3‏:18. \x* \v 11 چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر. \f □ \fr 2:11 \ft \+bd «ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟»\+bd* ــ «ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى» مۇشۇ يەردە شۇ مەلۇم كىشىنىڭ شەخسىي ۋە قەلبىدىكى ئىشلارنى ئالايىتەن كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 2:11 \xt پەند. 27‏:19؛ يەر. 17‏:9. \x* \v 12 ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز. \f □ \fr 2:12 \ft \+bd «بۇ دۇنيادىكى روھ»\+bd* ــ شەيتان. «بۇ دۇنيادىكى روھ» مۇشۇ يەردە بەلكىم شەيتاننىڭ كۆز-قاراشلىرى، «ئەقىللىرى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 2:12 \xt رىم. 8‏:15. \x* \v 13 بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى \add مۇقەددەس\add* روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز. \f □ \fr 2:13 \ft \+bd «روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن»\+bd* ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھتۇر.\f*  \x + \xo 2:13 \xt 1كور. 1‏:17؛ 2‏:4؛ 2پېت. 1‏:16\x* \v 14 ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. \f □ \fr 2:14 \ft \+bd ««جانغا تەۋە» كىشى»\+bd* ــ «جانغا تەۋە» بولغان كىشى توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «جانغا تەۋە» بولغان كىشى مۇقەددەس روھقا ئىگە بولمىغان كىشىدۇر؛ «ئىشەنمىگەن كىشى» دېگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ خۇدانىڭ روھىغا ئەمەس، بەلكى ھەردائىم ئۆز جېنى (ئەقىل-پىكىر، زېھىن، كۆڭۈل-كاللا، ھېسسىياتلار)غا تايىنىپ ئىشلارنى پەرق ئېتىدۇ. «روھىي كىشى» ياكى «روھقا تەۋە بولغان كىشى» بولسا ئۆز روھىدا مۇقەددەس روھنىڭ تەربىيە-تەلىمىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلارنى توغرا پەرق ئېتىدۇ. \+bd «ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر»\+bd* ــ بۇ 14- ۋە 15-ئايەتلەردىكى «پەرق ئېتىش» ۋە «پەرق ئېتىپ باھالىنىش» گرېك تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 15 روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ. \f □ \fr 2:15 \ft \+bd «روھقا تەۋە كىشى»\+bd* ــ «روھقا تەۋە» (ياكى «روھىي كىشى») ــ مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭىدىغان كىشى.\f*  \x + \xo 2:15 \xt پەند. 28‏:5. \x* \v 16 چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز.\f □ \fr 2:16 \ft \+bd «كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟»\+bd* ــ «يەش.» 13:40.\f*  \x + \xo 2:16 \xt يەش. 40‏:13؛ رىم. 11‏:34. \x* \b \b \m \c 3 \m \v 1 لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.\f □ \fr 3:1 \ft \+bd «ئەتكە تەۋە كىشىلەر»\+bd* ــ (ياكى «ئەتلىك كىشىلەر») توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»غا بەرگەن «كىرىش سۆز»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. «ئەتلىك كىشى» ئاساسەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن تېخى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ كۈچىدىن ئازاد بولمىغان كىشىدۇر.\f* \v 2 مەن سىلەرگە سۈت ئىچكۈزدۈم، گۆشنى يېگۈزمىدىم؛ چۈنكى سىلەر گۆشنى ھەزىم قىلالمايتتىڭلار، شۇنداقلا ھازىرمۇ تېخى ھەزىم قىلالمايسىلەر؛\x + \xo 3:2 \xt ئىبر. 5‏:12؛ 1پېت. 2‏:2. \x* \v 3 چۈنكى سىلەر يەنىلا ئەتكە تەۋەدۇرسىلەر. ئاراڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە تالاش-تارتىشلار بار بولغاچقا، سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟\f □ \fr 3:3 \ft \+bd «سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟»\+bd* ــ «ئىنسانلارچە» خۇدانىڭ يولىدا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ يولىدا.\f*  \x + \xo 3:3 \xt 1كور. 1‏:11؛ گال. 5‏:19؛ ياق. 3‏:16. \x* \v 4 چۈنكى بىرسى «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، باشقا بىرسى «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسە، سىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟\f □ \fr 3:4 \ft \+bd «پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟»\+bd* ــ دېمەك، خۇدانى تونۇمىغان، روھتىن تۇغۇلمىغان، تېخىچە ئادەمئاتىمىزنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان، ئادەتتىكى گۇناھكار ئىنسانلارغا ئوخشاش.\f*  \x + \xo 3:4 \xt 1كور. 1‏:12. \x* \m \v 5 ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟\x + \xo 3:5 \xt روس. 18‏:24؛ 1كور. 1‏:12؛ 16‏:12. \x* \v 6 مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر.\f □ \fr 3:6 \ft \+bd «... ئاپوللوس سۇغاردى»\+bd* ــ كورىنت شەھىرىدىكى جامائەت پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانىدى؛ كېيىن ئاپوللوس كورىنت شەھىرىگە بېرىپ ئىشەنگۈچىلەرنى تەۋرات-زەبۇر توغرىسىدىكى بىلىملىرى ئارقىلىق زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرگەنىدى («روس.» 18-باب).\f*  \x + \xo 3:6 \xt روس. 18‏:26؛ 19‏:1. \x* \v 7 شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر. \v 8 ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ.\f □ \fr 3:8 \ft \+bd «بىر مەقسەتتىدۇر»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىردۇر».\f*  \x + \xo 3:8 \xt زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. \x* \v 9 چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر.\f □ \fr 3:9 \ft \+bd «بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز»\+bd* ــ باشقا بىرخىل چۈشەندۈرۈلۈشى: «بىز خۇدا بىلەن مېھنەتداشتۇرمىز» («2كور.» 20:5، 1:6نىمۇ كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 3:9 \xt 2كور. 6‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ كول. 2‏:7؛ 1پېت. 2‏:5. \x* \m \v 10 خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن. \m \v 11 چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ. \x + \xo 3:11 \xt يەش. 28‏:16؛ مات. 16‏:18. \x* \v 12 ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا، \f □ \fr 3:12 \ft \+bd «بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە... قىممەتلىك تاشلار .. سالسا»\+bd* ــ «قىممەتلىك تاشلار» دېگەن ئوخشىتىشنىڭ مۇشۇ يەردە ئومۇمىي كۆرسەتكىنى بەلكىم ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئەمەس، بەلكى ئويۇلغان، بىنانى پۇختا قىلىدىغان قاتتىق چىداملىق تاشلارنى كۆرسەتسە كېرەك. پاۋلۇس بۇنىڭ كۆچمە مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرىدۇ!\f* \v 13 ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ. \f □ \fr 3:13 \ft \+bd «شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ»\+bd* ــ «شۇ كۈنى» مەسىھ ئەيسا زېمىنغا قايتىدىغان كۈنىدۇر.\f*  \x + \xo 3:13 \xt يەش. 8‏:20؛ 48‏:10؛ يەر. 23‏:29؛ 1پېت. 1‏:7؛ 4‏:12. \x* \v 14 بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛ \f □ \fr 3:14 \ft \+bd «بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا...»\+bd* ــ دېمەك، «بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە،...».\f* \v 15 بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. \v 16 ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ \x + \xo 3:16 \xt 1كور. 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ ئىبر. 3‏:6؛ 1پېت. 2‏:5. \x* \v 17 بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر. \m \v 18 ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. \f □ \fr 3:18 \ft \+bd «بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن»\+bd* ــ مەسىھنىڭ «مات.» 1:18-4دە ۋە «ماركا» 13:10-16دە ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 3:18 \xt پەند. 3‏:7؛ يەش. 5‏:21. \x* \v 19‏-20 چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: ــ «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر.\f □ \fr 3:19‏-20 \ft \+bd «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»\+bd* ــ «ئايۇپ» 13:5. \+bd «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ»\+bd* ــ «زەب.» 11:94.\f*  \x + \xo 3:19‏-20 \xt ئايۇپ 5‏:13؛ زەب. 94‏:11. \x* \m \v 21 شۇڭا ھېچكىم ئىنسان دېگەنلەرنى پەخىرلىنىپ داڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ھەممە مەۋجۇداتلار سىلەرگە تەۋەدۇر؛ \v 22 پاۋلۇس بولسۇن، ئاپوللوس بولسۇن، كېفاس بولسۇن، دۇنيا-جاھان بولسۇن، ھايات بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار بولسۇن، كەلگۈسى ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر؛ \v 23 سىلەر بولساڭلار مەسىھنىڭ، مەسىھ بولسا خۇدانىڭكىدۇر. \b \b \m \c 4 \s1 مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ خىزمىتى \m \v 1 بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن.\x + \xo 4:1 \xt مات. 24‏:45؛ 2كور. 6‏:4؛ كول. 1‏:25؛ تىت. 1‏:7. \x* \v 2 ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر.\x + \xo 4:2 \xt لۇقا 12‏:42. \x* \v 3 ئەمما مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باھالانسام، بۇ مەن ئۈچۈن زىغىرچىلىك ئىش؛ مەن ھەتتا ئۆزۈم توغرۇلۇق سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.\f □ \fr 4:3 \ft \+bd «ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن...»\+bd* ــ دېگەن گرېك تىلىدا «ئىنسانىي بىر كۈن تەرىپىدىن...». ئادەملەرنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلغۇچى بولسا مەلۇم بىر ئىنساننىڭ كۈنى ئەمەس، بەلكى مەسىھنىڭ كۈنى، يەنى قىيامەت كۈنىدۇر.\f* \v 4 چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر.\x + \xo 4:4 \xt مىس. 34‏:7؛ ئايۇپ 9‏:2؛ زەب. 143‏:2. \x* \v 5 شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ.\x + \xo 4:5 \xt دان. 7‏:10؛ مات. 7‏:1؛ رىم. 2‏:1؛ ۋەھ. 20‏:12. \x* \v 6 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى دەپ ئۆزۈمگە ۋە ئاپوللوسقا تەتبىقلىدىم؛ مەقسەت سىلەر بىز ئارقىلىق «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» دېگەن ساۋاقنى ئۆگىنىشىڭلار، شۇنداقلا ھېچقايسىڭلارنىڭ مەلۇم بىرسىنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن دەپ پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.\f □ \fr 4:6 \ft \+bd «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتا ئەينى پۈتۈلمىگىنى بىلەن، ئۇ تەۋرات-ئىنجىلدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ.\f*  \x + \xo 4:6 \xt پەند. 3‏:7؛ رىم. 12‏:3. \x* \m \v 7 چۈنكى كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟ ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟ ھەممە ساڭا بېرىلگەن تۇرسا، نېمىشقا «مەندە ئەسلى بار ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كېتىسەن؟\f □ \fr 4:7 \ft \+bd «كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟»\+bd* ــ بۇ سوئالغا بەلكىم مۇنداق ئىككى توغرا جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن: (1) «مەلۇم كىشىنى باشقا بىر كىشىدىن باشقىچە قىلغۇچى پەقەت خۇدادۇر» شۇڭا تەكەببۇر بولۇشنىڭ ئاساسى يوق؛ (2) ھېچ ئىنساننىڭ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا «مەن باشقىلاردىن ئۈستۈن» دەپ تەكەببۇر بولۇشىنىڭ ئاساسى يوق. \fp شۇنداق قارايمىزكى، (1)-جاۋاب پاۋلۇسنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟»\+bd* ــ دېمەك، ھەربىرىمىزنىڭ بارلىقى خۇدا تەرىپىدىن بىزگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ شۇڭا «مەندە ئەسلى شۇنداق قابىلىيەت (تالانت، كۈچ، قاتارلىقلار....) بار ئىدى» دەپ تەكەببۇرلىشىپ كېتىش ھاماقەتلىكتۇر.\f*  \x + \xo 4:7 \xt يـۇھ. 3‏:27؛ ياق. 1‏:17. \x* \v 8 سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!\f □ \fr 4:8 \ft \+bd «سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سىرلىق ئايەتنىڭ كىنايىلىك، مەسخىرىلىك مەنىسى بار. كورىنت جامائىتىدىكى كۆپ ئادەملەر تولىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىپ: «بىز روسۇل پاۋلۇس ياكى باشقا روسۇللارغا ھېچ كېرەك ئەمەسمىز؛ بىز ھەقىقەتەن «روھىي ئادەملەر»مىز، ئىنتايىن بىلىملىك، خۇدا ئالدىدا ئىنتايىن ئېسىلزادە بولۇپ، پادىشاھدەك بولدۇق» دەپ كەتكەنىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 9 چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق. \x + \xo 4:9 \xt زەب. 44‏:22؛ رىم. 8‏:36؛ 2كور. 4‏:11؛ ئىبر. 10‏:33. \x* \v 10 بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛ \f □ \fr 4:10 \ft \+bd «بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەقلەر بولدۇق...» ــ دېمەك، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «ئەخمەق» ھېسابلاندۇق.\f*  \x + \xo 4:10 \xt 1كور. 2‏:3. \x* \v 11 ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛ \x + \xo 4:11 \xt روس. 23‏:2. \x* \v 12 ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛ \x + \xo 4:12 \xt مات. 5‏:44؛ لۇقا 6‏:28؛ 23‏:34؛ روس. 7‏:60؛ 18‏:3؛ 20‏:34؛ رىم. 12‏:14؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. \x* \v 13 تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، \add بىز ئۇلارنى\add* چىرايلىقچە \add توۋىغا\add* ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق. \m \v 14 بۇ ئىشلارنى يېزىشىم، سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بالىلىرىم سۈپىتىدە سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن؛ \x + \xo 4:14 \xt 1تېس. 2‏:11. \x* \v 15 چۈنكى سىلەرنىڭ مەسىھدە تۈمەنلىگەن تەربىيىلىگۈچىلىرىڭلار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر؛ چۈنكى مەن مەسىھ ئەيسادا بولۇپ سىلەرنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق تۆرەلدۈرۈپ ئاتا بولدۇم. \f □ \fr 4:15 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر»\+bd* ــ ــ روھىي جەھەتتىن بولغان ئاتىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 4:15 \xt روس. 18‏:11؛ گال. 4‏:19؛ فلم. 10؛ ياق. 1‏:18. \x* \v 16 شۇڭا مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار.\x + \xo 4:16 \xt 1كور. 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2تېـس. 3‏:9. \x* \m \v 17 دەل بۇ سەۋەبتىن مەن رەبدە بولغان ئۆز سۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئوغلۇم تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم؛ ئۇ سىلەرگە ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتتە ئۆگەتكەنلىرىمگە ئەگىشىپ، مەسىھدە بولغان يوللىرىم توغرۇلۇق ئەسلىتىدۇ. \v 18 ئەمما بەزىلىرىڭلار، «پاۋلۇسنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار؛ \v 19 بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي. \x + \xo 4:19 \xt روس. 18‏:21؛ ئىبر. 6‏:3؛ ياق. 4‏:15. \x* \v 20 چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ. \f □ \fr 4:20 \ft \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ»\+bd* ــ ياكى «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە نامايان بولىدۇ».\f*  \x + \xo 4:20 \xt 1كور. 2‏:4؛ 1تېس. 1‏:5؛ 2پېت. 1‏:16. \x* \v 21 ئەمدى نېمىنى خالايسىلەر؟ يېنىڭلارغا تاياق كۆتۈرۈپ بېرىشىمنىمۇ، ياكى مېھىر-مۇلايىملىق روھىدا بېرىشىمنىمۇ؟ \b \b \m \c 5 \s1 ئېغىر بىر گۇناھ \m \v 1 ھەرتەرەپتىن شۇ ئاڭلىنىۋاتىدۇكى، ئاراڭلاردا بۇزۇقچىلىق بار ئىكەن ــ بۇنداق بۇزۇقچىلىق ھەتتا تائىپىلەر ئارىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ بىرسىنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئايالىغا چېقىلىشتىن ئىبارەت.\x + \xo 5:1 \xt لاۋ. 18‏:8؛ قان. 27‏:20. \x* \v 2 ئەمما سىلەر يوغىناپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار! بۇ رەزىل ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئارىمىزدىن قوغلىۋېتىلسۇن دەپ ئۆكۈنۈشۈڭلارغا توغرا كەلمەمدۇ!؟ \v 3 چۈنكى گەرچە تەندە سىلەر بىلەن بىللە بولمىساممۇ، ئەمما روھتا سىلەر بىلەن بىللە بولۇش سۈپىتىدە ئاللىقاچان شۇنداق مەن شۇ ھۆكۈمنى چىقاردىمكى، \v 4 (ھەممىڭلار رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا جەم بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ) ــ \m \v 5 شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن.\f □ \fr 5:5 \ft \+bd «شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن»\+bd* ــ بۇ ئىش (باشقىچە ئېيتقاندا، «شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇش») توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بەزى ئالىملار «ئەتلىرى» دېگەننى روھىي جەھەتتىن چۈشەندۈرىدۇ، دېمەك، بۇ ئىش كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھلىق تەبىئىتى، ياكى كورىنتتىكى پۈتكۈل جامائەتتە «گۇناھلىق تەبىئىتىدىن چىققان ئىشلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز مۇشۇ يەردىكى «ئەتلىرى»نى جىسمانىي جەھەتتىن چۈشىنىمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇنىڭ ئاساسىنى كۆرسىتىمىز.\f*  \x + \xo 5:5 \xt 1تىم. 1‏:20. \x* \v 6 سىلەرنىڭ چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ياخشى ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ» دەپ بىلمەمسىلەر؟\x + \xo 5:6 \xt گال. 5‏:9. \x* \m \v 7 كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»\add دىكى قوزىمىز\add* بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛\x + \xo 5:7 \xt يەش. 53‏:7؛ يـۇھ. 1‏:29؛ 1كور. 15‏:3. \x* \v 8 شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى.\f □ \fr 5:8 \ft \+bd «شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى»\+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»، ئۇنىڭدىن كېيىنكى «پېتىر نان ھېيتى» ۋە ئۇلارنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى، شۇنداقلا «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 5:8 \xt مىس. 12‏:3،15؛ قان. 16‏:3. \x* \m \v 9 مەن \add ئالدىنقى\add* خەتتە سىلەرگە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ يازغانىدىم؛ \x + \xo 5:9 \xt قان. 7‏:2؛ مات. 18‏:17؛ 2كور. 6‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:11؛ 2تېـس. 3‏:14. \x* \v 10 ئەمما بۇ دېگىنىم بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، ياكى نەپسانىيەتچىلەر، ياكى كاززاپلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئارىلاشماڭلار دېگىنىم ئەمەس؛ ئۇنداق بولغاندا دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار؛ \v 11 ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار. \f □ \fr 5:11 \ft \+bd «ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان...»\+bd* ــ «قېرىنداش» ــ ئۆزىنىڭ ئېتىقاد يولىدا قېرىنداش دەپ ئاتالغان.\f*  \x + \xo 5:11 \xt چۆل. 12‏:14؛ مات. 18‏:17؛ 2تېـس. 3‏:14؛ 2يۇھ. 10. \x* \v 12 سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 5:12 \ft \+bd «سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ «سىرتتىكىلەر» جامائەتتىن سىرت تۇرغانلارنى، «ئىچىدىكىلەر» جامائەتنىڭ ئىچىدە بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f* \v 13 لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار».\f □ \fr 5:13 \ft \+bd «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار»\+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر تەۋرات، «قان.» 7:17، 9:19، 2:22، 7:24دىن ئىلىنغان.\f*  \x + \xo 5:13 \xt قان. 17‏:7\x* \b \b \m \c 6 \s1 بىر-بىرى بىلەن دەۋالىشىشقا بولامدۇ؟ \m \v 1 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟\f □ \fr 6:1 \ft \+bd «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟»\+bd* ــ «پېتىنالامسىلەر؟» ــ خۇدانىڭ بۇ ئىشلارغا قاراتقان غەزىپىگە يۈزلىنىشكە پېتىنالامسىلەر؟، دېمەك.\f* \v 2 مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر دۇنيانى سىلەر سوراق قىلىدىغان ئىش بولسا، ئەمدى زىغىرچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا يارىمامسىلەر؟\x + \xo 6:2 \xt مات. 19‏:28؛ لۇقا 22‏:30. \x* \v 3 پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟\f □ \fr 6:3 \ft \+bd «مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ دۇنيا ئۈستىدىن سوراق قىلىشى ... (2-ئايەت) ... پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىشى»\+bd* ــ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 سىلەردە مۇشۇ ھاياتتىكى ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟\f □ \fr 6:4 \ft \+bd «جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنى ھەل قىلىشقا جامائەتتە ھېچ ئورنى يوقلارنى سالامسىلەر؟». لېكىن 5-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 5 مۇشۇلارنى سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. ئەجەبا، ئاراڭلاردا ئۆز قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇدەك دانا كىشى يوقمۇ، ھەتتا بىرىمۇ يوقمۇ؟ \v 6 ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ! \v 7 ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟\x + \xo 6:7 \xt پەند. 20‏:22؛ مات. 5‏:39؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9. \x* \v 8 ئەكسىچە، سىلەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، خىيانەت قىلىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىڭلارغا شۇنداق قىلىسىلەر! \m \v 9 ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، \x + \xo 6:9 \xt گال. 5‏:19؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15. \x* \v 10 ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ \v 11 بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار.\x + \xo 6:11 \xt ئ‍ەف. 2‏:2؛ كول. 3‏:7؛ تىت. 3‏:3؛ ئىبر. 10‏:22. \x* \b \m \s1 تېنىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر \m \v 12 «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ خۇمارىغا قۇل بولمايمەن. \f □ \fr 6:12 \ft \+bd «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»\+bd* ــ بۇ سۆز-ئىبارە بەلكىم كورىنتلىقلار ئۈچۈن ئىنجىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق بولغان تەلىملەرنىڭ بىر قىسقارتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتكە يېقىن بولغىنى بىلەن، پاۋلۇس ھازىر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق باشقا تەرەپلەردىنمۇ ئويلاش كېرەك، دەپ تەلىم بەرمەكچى.\f*  \x + \xo 6:12 \xt 1كور. 10‏:23. \x* \v 13 «يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»؛ ئەمما خۇدا ئۇ ۋە بۇ ھەر ئىككىسىنى يوققا چىقىرىدۇ؛ تەن بولسا بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەب ئۈچۈندۇر؛ رەب تەن ئۈچۈندۇر. \f □ \fr 6:13 \ft \+bd «يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ باشقىچە ئېيتقاندا: «يېمەكلىكلەر قورساقنى تويدۇرۇش ئۈچۈن، قورساق بولسا يېمەكلىكلەرنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن». كورىنتلىقلاردىن بەزىلىرى بۇ گەپنى باشقا ئىشلارغا تەتبىقلاپ، «تېنىمىزنىڭ ھەرقانداق ئېھتىياجلىرى ياكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى خالىغانچە قاندۇرۇۋەرسەك بولىدۇ» دەپ ئويلايتتى. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا كەلسەك بۇ توغرا ئەمەس، ئەلۋەتتە. \+bd «رەب تەن ئۈچۈندۇر»\+bd* ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىق بۇ بايان توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 14 خۇدا رەبنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدەك بىزنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ. \x + \xo 6:14 \xt رىم. 8‏:11؛ 2كور. 4‏:14. \x* \v 15 تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! \v 16 كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «\add ئەر-ئايال\add* ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. \f □ \fr 6:16 \ft \+bd «ئەر-ئايال ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ خۇدانىڭ ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىز توغرۇلۇق بولغان سۆزى («يار.» 24:2)؛ بۇ سۆز ھەربىر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.\f*  \x + \xo 6:16 \xt يار. 2‏:24؛ مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:31. \x* \v 17 ئەمما رەبگە باغلانغۇچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر روھتۇر. \x + \xo 6:17 \xt ئ‍ەز. 36‏:26-28؛ 1كور. 12‏:13؛ يار. 2‏:24\x* \v 18 بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ. \f □ \fr 6:18 \ft \+bd «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!»\+bd* ــ بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەرنى پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭكى، دەپ قارايدۇ؛ ئەمما باشقا گۇناھلىرىمىز (مەسىلەن، نەپسانىيەتچىلىك، ھاراقكەشلىك)مۇ تېنىمىزگە يامان تەسىر يەتكۈزمەمدۇ؟ يەتكۈزىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ سۆزلەرنى كورىنتلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭكى خاتا كۆزقارىشى دەپ ئويلايمىز؛ ئۇلار بۇ سۆزنى بۇزۇقلۇق (ۋە باشقا «جىسمانىي» گۇناھلارنى) قىلىشقا باھانە قىلاتتى. پاۋلۇس ئۇنى ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خاتا كۆزقاراشلىرىنى توغرىلىماقچى بولۇۋاتاتتى.\f* \v 19 سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ \f □ \fr 6:19 \ft \+bd «خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان»\+bd* ــ بىزنىڭچە «سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان» دېگەنلىك «مۇقەددەس روھ»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقمۇ مۇمكىنچىلىك باركى، ئۇ بۇ ئايەتتىكى «سىلەرنىڭ تېنىڭلار» ياكى «ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 6:19 \xt 1كور. 3‏:16؛ 2كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 2‏:21؛ ئىبر. 3‏:6؛ 1پېت. 2‏:5. \x* \v 20 چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.\x + \xo 6:20 \xt 1كور. 7‏:23؛ گال. 3‏:13؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18. \x* \b \b \m \c 7 \s1 تەنھا ھايات ۋە ئەر-ئاياللىق \m \v 1 ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر».\f □ \fr 7:1 \ft \+bd «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر»\+bd* ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە (جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىرگە بولۇش، ياكى توي قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) ياخشى ئىشتۇر» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق: ــ ئەھۋالغا قارىغاندا كورىنتلىقلار ئارىسىدا: «توي قىلماي، پەقەت رەبنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ياخشى» ياكى «ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىسۇن، كۆپرەك دۇئا-تىلاۋەتكە بېرىلىسۇن» دېگەندەك گەپلەر تارقالغان بولۇشى مۇمكىن. پاۋلۇس بۇ يەردە مۇشۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق سۆزلىمەكچى.\f* \m \v 2 دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. \v 3 ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن.\f □ \fr 7:3 \ft \+bd «ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن»\+bd* ــ «ئەرلىك مەجبۇرىيىتى»، «ئاياللىق مەجبۇرىيىتى» جىنسىي ھەقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 7:3 \xt 1پېت. 3‏:7. \x* \v 4 ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. \v 5 پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن.\x + \xo 7:5 \xt يو. 2‏:16. \x* \v 6 ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر.\f □ \fr 7:6 \ft \+bd «ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «دېيىشىم»نى بەزى ئالىملار «ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس» دەپ چۈشىنىدۇ، «ئەمما مۇنداق دېگىنىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بىزنىڭ تەرجىمىمىزدەك «دېگىنىم»نى پاۋلۇسنىڭ ئەر-ئاياللىق ئوغرۇلۇق ھازىر ئېيتقان بارلىق سۆزلىرى دەپ قاراپ، «مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى رۇخسەت يولىدا...» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ (7-ئايەتنى كۆرۈڭ).\f* \v 7 ئەمدى مەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشاش \add بويتاق\add* بولۇشىنى خالايتتىم؛ لېكىن بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار؛ بىرسى ئۇنداق، يەنە بىرسى بۇنداق.\f □ \fr 7:7 \ft \+bd «بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار»\+bd* ــ يەنى، بالا-چاقىلىق بولۇش، ياكى تەنھا بولۇش. پاۋلۇس ئۆزى تەنھا بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئائىلىسىز ھالدا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغان.\f*  \x + \xo 7:7 \xt مات. 19‏:12؛ روس. 26‏:29؛ 1كور. 12‏:11. \x* \v 8 ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مەندەك تەنھا تۇرىۋەرسە ياخشى بولىدۇ؛\f □ \fr 7:8 \ft \+bd «ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى...»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «جورىسىز تەنھا ياشىغانلار» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ئۆز جورىسىدىن (مەيلى ئەردىن، مەيلى ئايالدىن، ئۆلۈم تەرىپىدىن ياكى قانۇن تەرىپىدىن) ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ۋە شۇنداقلا توي قىلمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.\f* \v 9 ئەمما ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار؛ چۈنكى \add ئىشق\add* ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە نىكاھلىق بولغان ياخشى.\x + \xo 7:9 \xt 1تىم. 5‏:14. \x* \m \v 10 ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن \f □ \fr 7:10 \ft \+bd «ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)...»\+bd* ــ پاۋلۇس ئۆز تەلىمىنى رەب ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە تۇرغان ۋاقتىدىكى تەلىمىدىن ئايرىۋېتىدۇ. بۇ ئىش توغرۇلۇق ۋە ئومۇمەن بۇ باب ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:10 \xt مال. 2‏:14؛ مات. 5‏:32؛ 19‏:9؛ مار. 10‏:11؛ لۇقا 16‏:18. \x* \v 11 (ئەمما ئۇ ئاجراشقان بولسا، ئۇ تەنھا ئۆتسۇن، ياكى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن)؛ ۋە ئەرمۇ ئايالىنى قويۇپ بەرمىسۇن. \v 12 قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن؛ \f □ \fr 7:12 \ft \+bd «قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، ...»\+bd* ــ رەب ئەيسا يەر يۈزىدە بولغىنىدا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق تەلىم بەرمىگەنىدى.\f* \v 13 \add ئېتىقادچى\add* ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن. \v 14 چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا \add ئېتىقاد قىلغان\add* قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى. \f □ \fr 7:14 \ft \+bd «چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا ئېتىقاد قىلغان قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، كورىنتتىكى بەزىلەر «ئېتىقادچى ئەر ياكى ئايالنىڭ جورىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ نىكاھى بۇلغانغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاجرىشىشى كېرەك، شۇنداقلا بالىلىرى «ھارام»دىن بولغان بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇنداق كۆزقاراش خاتا.\f* \v 15 لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللار \add نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە\add* باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر. \f □ \fr 7:15 \ft \+bd «لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ... نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 16 ئەي \add ئېتىقادچى\add* ئايال، ئېرىڭنى \add ئېتىقاد قىلدۇرۇپ\add* قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي \add ئېتىقادچى\add* ئەر، خوتۇنۇڭنى \add ئېتىقاد قىلدۇرۇپ\add* قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟\f □ \fr 7:16 \ft \+bd «ئەي ئېتىقادچى ئايال، ئېرىڭنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي ئېتىقادچى ئەر، خوتۇنۇڭنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟»\+bd* ــ بىزنىڭچە پاۋلۇس مۇشۇ يەردە، ئىشەنمىگەن جورا نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغان بولسا، ئۇنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتقۇزۇش پەقەت خۇدانىڭلا قىلىدىغان ئىشىدۇر، بىز ئاجىز بەندىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، شۇڭا (جورىسىنىڭ كەتكۈسى بولسا) ئۇنى ئەركىنلىككە قويۇۋەرگىن، دېمەكچى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى يەنە كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 7:16 \xt 1پېت. 3‏:1. \x* \b \m \s1 ئېتىقاد يولىغا چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى سالاھىيەتتە تۇرىۋېرىڭلار \m \v 17 ھالبۇكى، رەب ھەرقايسىمىزغا قانداق تەقسىم قىلغان بولسا، قانداق ھالەتتە چاقىرغان بولسا، ئۇ شۇنىڭدا مېڭىۋەرسۇن؛ مەن ھەممە جامائەتلەردە شۇنداق يوليورۇقنى تاپىلايمەن. \v 18 بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن؛ بىرسى سۈننەتسىز ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ ئەمدى سۈننەت قىلىنمىسۇن. \f □ \fr 7:18 \ft \+bd «بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن»\+bd* ــ بەزى يەھۇدىيلار مەلۇم سەۋەبلەردىن سۈننىتىدىن خىجىل بولۇپ، «يات ئەللەردەك بولاي» دەپ، ئۆزىنى «سۈننەتسىز» كۆرسەتمەكچى بولۇپ بىرخىل ئوپېراتسىيەنى قىلدۇراتتى.\f* \v 19 سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ \add ھېساب بولىدىغىنى\add* خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. \v 20 ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن. \f □ \fr 7:20 \ft \+bd «ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن»\+bd* ــ «قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا...» گرېك تىلىدا «قانداق چاقىرىلغانلىقى بولسا...» دېيىلىدۇ. دېمەك، خۇدا ھەربىرىمىزنى مەسىھگە چاقىرغىنىدا، ئەھۋال-ھالىتىمىزنى بىلىپ، ئۇ ھالىتىمىزنى ئۇنىڭ يولىدا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ.\f*  \x + \xo 7:20 \xt ئ‍ەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12. \x* \v 21 سەن چاقىرىلغاندا قۇل ھالىتىدە ئىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن؛ لېكىن ئەگەر ھۆرلۈك پۇرسىتى كەلسە، ئۇنى قولۇڭدىن بەرمە. \v 22 چۈنكى رەبتە چاقىرىلغان قۇل بولسا رەبنىڭ ھۆر ئادىمىدۇر؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش، چاقىرىلىپ ھۆر بولغۇچىمۇ مەسىھنىڭ قۇلىدۇر. \v 23 سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىندىڭلار؛ ئىنسانلارغا قۇل بولماڭلار. \x + \xo 7:23 \xt 1كور. 6‏:20؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18. \x* \v 24 ئى قېرىنداشلار، ھەربىرىڭلار قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولساڭلار، شۇ ھالەتتە خۇدا بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. \b \m \s1 تەنھا ياشاش \m \v 25 ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن. \f □ \fr 7:25 \ft \+bd «... نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردە «نىكاھلانمىغانلار» بولسا ھېچقاچان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان پاك يىگىت ياكى پاك قىزلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بەزى ئالىملار بۇ سۆز پەقەت قىزلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمدى 36-ئايەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ ئايەت ھەم يىگىتلەرنىمۇ ھەم قىزلارنىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز.\f* \v 26 ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا، ئەر كىشىنىڭ شۇ \add تەنھا\add* ھالەتتە بولۇشىنى ياخشى ئىش دەيمەن. \f □ \fr 7:26 \ft \+bd «ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا،...»\+bd* ــ پاۋلۇس مۇشۇ خەتنى يازغان ۋاقىتتا رىم ئىمپېرىيەسى بويىچە كۆپ ساندىكى ئىشەنگۈچىلەر زور زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتاتتى.\f* \v 27 ئايالغا باغلانغان بولساڭ، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما؛ ئايالىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە ئۆيلىنىشنى ئويلىما. \v 28 لېكىن ئۆيلەنسەڭ، سەن گۇناھ قىلغان بولمايسەن؛ ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھلانسا، ئۇلارمۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ؛ مېنىڭ سىلەرنى ئۇنىڭدىن خالىي قىلغۇم بار. \f □ \fr 7:28 \ft \+bd «ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى، ھەربىر ئەر-ئاياللىقتىكى نورمال مۇناسىۋەتتە بولغان مۇشەققەت-جاپالار، ئېگىز-پەسلىكلەر توغرۇلۇق ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ دەۋردىكى زىيانكەشلىك ئاستىدىمۇ ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، بىر-بىرىنى ئېغىرچىلىقتىن ئاياش ئۈچۈن تارتقان دەرد-ئەلەملىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىدى.\f* \v 29 ئەمما شۇنى دېگۈم باركى، ئى قېرىنداشلار ــ ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن؛ \f □ \fr 7:29 \ft \+bd «ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن...»\+bd* ــ 31-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.\f* \v 30 ماتەم تۇتقانلار ماتەم تۇتمىغانلاردەك بولسۇن؛ بەخت-خۇشاللىقتا بولغانلار بەخت-خۇشاللىقتا بولمىغانلاردەك بولسۇن؛ مال-مۈلۈك سېتىۋالغانلار مال-مۈلۈكسىزلەردەك بولسۇن؛ \v 31 بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. \f □ \fr 7:31 \ft \+bd «... بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ «ۋاقىت قىسقىدۇر» 29-31-ئايەتلەردە پاۋلۇس ئۇلارغا بارلىق ۋاقىتنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش پۇرسەتلىرىنى قەدىرلەشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسى، مۇشۇ دۇنيادىكى بەخت-بايلىقلار بىزدە بولسا ئۇلاردىن ھۇزۇرلانساق بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ ئالەم «بەش كۈنلۈك» بولغاچقا، خۇدانىڭ خىزمىتىدە، مەڭگۈلۈك پايدىلىق بولغان ئىشلارغا قاراپ مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دېمەكچى.\f*  \x + \xo 7:31 \xt يەش. 40‏:6؛ ياق. 1‏:10؛ 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17. \x* \v 32 ئەمما سىلەرنىڭ غەمسىز بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئايالسىز كىشى بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنى ئويلايدۇ، قانداق قىلىپ رەبنى خۇرسەن قىلىشنىڭ غېمىدە بولىدۇ. \x + \xo 7:32 \xt 1تىم. 5‏:5. \x* \v 33 ئەمما ئاياللىق كىشى قانداق قىلىپ ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ \v 34 يەنە كېلىپ ئايال ۋە نىكاھلانمىغان قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار؛ نىكاھلانمىغان قىز بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنىڭ، قانداق قىلىپ ھەم تەندە ھەم روھتا پاك-مۇقەددەس بولۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولغان ئايال قانداق قىلىپ ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ. \v 35 ئەمما مەن بۇ سۆزنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن؛ بوينۇڭلارغا سىرتماق سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلىرىڭلارنىڭ گۈزەل بولۇشى، كۆڭلۈڭلار بۆلۈنمىگەن ھالدا رەبگە بېرىلىپ ئۇنى كۈتۈشۈڭلار ئۈچۈن دەۋاتىمەن. \m \v 36 ئەمما ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا، ئۇ قىز ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن. \f □ \fr 7:36 \ft \+bd «ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا...»\+bd* ــ «نىيەت قىلىنغان قىزى» دېگەننىڭ باشقا بىر چۈشەنچىسى «ۋەدىلەشكەن قىزى». ئىشقىلىپ، بۇ ئايەت بويىچە، توي قىلمىغان ئەر كىشى كۆڭلىدە بىر قىزنى ئويلايدۇ. قىزغا «مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار» دېگەنلىكى بەلكىم: (1) قىزغا بولغان ئىشقىنى سۆز ياكى ھەرىكەت بىلەن بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق، لېكىن ئۇنىڭغا تېخى ئېنىق ۋەدە قىلماسلىق، شۇنداقلا قىزنى قىيناش؛ ياكى (2) قىزغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن يەنە ئىككىلىنىپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش، شۇنداقلا قىزنى قىيناش؛ ياكى (3) توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئۇلار توي ۋاقتىنى كۈتۈشكە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالمىسا، توينى بالدۇرراق قىلسا بولىدۇ. قىسقىسى، ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزلارنىڭ سۆيگۈسى ياكى ھېسسىياتلىرى بىلەن ئوينىشىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. \fp تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما ئەگەر بىرسى ئۆزىنىڭ تەنھالىقىغا قاراپ نامۇۋاپىق يۈرگەن بولسا، ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىچە قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن» يەنە باشقا تەرجىمىلىرىمۇ بار؛ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 37 بىراق، بىرسى ئۆز كۆڭلىدە مۇقىم تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىشق بېسىمى ئاستىدا بولماي، بەلكى ئۆز ئىرادىسىنى باشقۇرۇپ، كۆڭلىدە نىيەت قىلغان قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. \v 38 قىسقىسى، ئۆيلەنگەننىڭ ئۆيلەنگىنىمۇ ياخشى ئىش، ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيلەنمىگىنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش. \m \v 39 ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا باغلانغاندۇر؛ ئەمما ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ. \f □ \fr 7:39 \ft \+bd «ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز، ئۆلۈپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش پەقەت ۋاقىتلىق ئۇخلاش، خالاس. \+bd «ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ»\+bd* ــ «پەقەت رەبدە (نىكاھلانسۇن)» ــ (1) پەقەت ئېتىقادچىغا نىكاھلانسۇن؛ (2) رەبنىڭ شەخسىي يوليورۇقى بىلەن نىكاھلانسۇن، دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.\f*  \x + \xo 7:39 \xt رىم. 7‏:2. \x* \v 40 لېكىن قارىشىمچە ئۇ تۇل قالسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ؛ مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن!\f □ \fr 7:40 \ft \+bd «مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن»\+bd* ــ بۇ كىنايىلىك سۆز. كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتتىكى بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر» ھېسابلاپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلمايتتى (36:14، 37نى كۆرۈڭ).\f*  \x + \xo 7:40 \xt 1تېس. 4‏:8. \x* \b \b \m \c 8 \s1 بۇتلارغا ئاتالغان تائاملار \m \v 1 ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ.\f □ \fr 8:1 \ft \+bd «ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى»\+bd* ــ كورىنت شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بولسا بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەيتتى. كورىنتلىقلارنىڭ توي ۋە باشقا مۇراسىملىرىمۇ بۇتخانىلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەر داستىخانغا قويۇلاتتى. ئۇ چاغلاردا بۇنداق گۆشنى يېيىش-يېمەسلىك ياكى بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە بولغان. \+bd «مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ»\+bd* ــ «روھىي قۇرۇش» («ئادەمنى قۇرۇش») توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 2 «مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ.\f □ \fr 8:2 \ft \+bd ««مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئاجايىب بايان توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 3 ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ.\f □ \fr 8:3 \ft \+bd «ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ»\+bd* ــ «خۇدا تەرىپىدىن تونۇلىدۇ» ــ بەلكىم، خۇدا ئۇنى بىلىپ «بۇ كىشى مېنىڭ ئادىمىم» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، دېمەكچى.\f* \m \v 4 خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».\f □ \fr 8:4 \ft \+bd ««جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ» ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»»\+bd* ــ 1-ئايەتتىكى «ھەممىمىزدە بىلىم بار»، «بۇ دۇنيادا بۇت دېگەن ھېچنەرسە ئەمەس» ۋە «خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر» بەلكىم بۇ كورىنت جامائىتىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇئارىدەك دائىم ئېيتىدىغان سۆزلەر ئىدى.\f*  \x + \xo 8:4 \xt قان. 4‏:39؛ رىم. 14‏:14؛ 1كور. 10‏:19؛ ئ‍ەف. 4‏:6. \x* \v 5 گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ ــ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر) \v 6 بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ \add شۇنىڭدەك\add*، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز.\x + \xo 8:6 \xt مال. 2‏:10؛ يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 12‏:3؛ ئ‍ەف. 4‏:6؛ فىل. 2‏:11. \x* \m \v 7 ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى \add ئىشەنگۈچىلەر\add* بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ.\x + \xo 8:7 \xt 1كور. 10‏:28. \x* \v 8 ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ.\x + \xo 8:8 \xt رىم. 14‏:17. \x* \v 9 بىراق ھەرھالدا \add يېيىش\add* ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار. \x + \xo 8:9 \xt گال. 5‏:13. \x* \v 10 چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ \f □ \fr 8:10 \ft \+bd «چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟»\+bd* ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش كېرەك. بىرىنچى، كونا زامانلاردا كۆپ بۇتخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك «ئاشخانىلار»، «رېستورانلار» بار ئىدى. مەقسىتى بۇتپەرەسلىك ئەمەس، بەلكىم پەقەت پايدا كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما ساتقان تائاملارنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم خەلقلەر شۇ بۇتخانىدا بۇتلارغا ئاتاپ قىلغان نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرعۇن كىشىلەر بۇنداق تائام يېيىشنىڭ ئۆزىنى «ساۋابلىق ئىش»، «تەلەيلىك ئىش» دەپ قارىشى مۇمكىن. \fp ئىككىنچى، پاۋلۇسنىڭ «ئۇنىڭ ۋىجدانى... «\+bd قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان\+bd*» دېگەن سۆزى كىنايىلىك گەپ. مەزكۇر سۆزنى يۇقىرىقى «مۇھەببەت (\+bd ئادەمنى، يەنى ئادەمنىڭ روھىنى) قۇرىدۇ\+bd*» دېگەن سۆز بىلەن سېلىشتۇرىشىمىز كېرەك. «مۇھەببەتنىڭ قۇرۇشى»نىڭ نەتىجىسى ياخشى، ئەلۋەتتە؛ لېكىن مۇشۇ ئايەتتە «بىلىمى بار» ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئاجىز قېرىندىشىنى ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپلىق قىلىشقا «قۇرۇپ كۈچەيتىدۇ».\f* \v 11 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ.\x + \xo 8:11 \xt رىم. 14‏:15. \x* \m \v 12 شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر. \v 13 شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن.\x + \xo 8:13 \xt رىم. 14‏:21؛ 2كور. 11‏:29. \x* \b \b \m \c 9 \s1 پاۋلۇسنىڭ كۆپ روسۇللۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى \m \v 1 مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 9:1 \ft \+bd «مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ پاۋلۇس پاۋلۇس بۇ بابتا بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل» دېيىشىگە «مەن ئەركىن ئادەم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.\f*  \x + \xo 9:1 \xt روس. 9‏:3،17؛ 22‏:14،18؛ 23‏:11؛ 1كور. 4‏:15؛ 15‏:8؛ 2كور. 12‏:2. \x* \v 2 ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر. \m \v 3 مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلارغا بولغان جاۋابىم مۇنداق: ــ \f □ \fr 9:3 \ft \+bd «مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلار...»\+bd* ــ بۇ سۆز كورىنت جامائىتىدە، پاۋلۇس ھەقىقىي روسۇل ئەمەس، دەپ يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 4 بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟\f □ \fr 9:4 \ft \+bd «بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟»\+bd* ــ روسۇللار خۇش خەۋەرنى تارقىتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئايرىلىپ چىققاچقا، جامائەتلەردىن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، يەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇقتۇر. ئەمما پاۋلۇس ۋە خىزمەتدىشى بارناباس كورىنت شەھىرىدە شۇنداق ھوقۇقنى ئىشلەتمىگەن. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 9:4 \xt 1كور. 9‏:14؛ 1تېس. 2‏:6؛ 2تېـس. 3‏:9. \x* \v 5 بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟\f □ \fr 9:5 \ft \+bd «بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟»\+bd* ــ دېمەك، روسۇللار ئۆزلىرى ۋە بالا-چاقىلىرىمۇ جامائەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ھوقۇقلۇقتۇر.\f*  \x + \xo 9:5 \xt مات. 8‏:14. \x* \v 6 ئەجەبا، پەقەت بارناباس بىلەن مېنىڭلا ئەمگەك قىلماسلىققا ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ \v 7 كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ \add ئەسكەر بولۇپ\add* جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟\x + \xo 9:7 \xt يـۇھ. 21‏:15؛ 1كور. 3‏:6، 7، 8؛ 2كور. 10‏:4؛ 1پېت. 5‏:2. \x* \v 8 بۇ دېگەنلىرىم پەقەت ئىنسانىي كۆزقاراش بويىچە ئېيتىلغانمۇ؟ تەۋرات-قانۇننىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟! \v 9 چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما» دەپ پۈتۈلگەندۇر. خۇدا ئۆكۈزلەرگىلا كۆيۈنگەنمۇ، \f □ \fr 9:9 \ft \+bd «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما»\+bd* ــ «قان.» 4:25.\f*  \x + \xo 9:9 \xt قان. 25‏:4؛ 1تىم. 5‏:18. \x* \v 10 ياكى بۇنى پەقەت بىزلەرنى دەپ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بىزلەر ئۈچۈن پۈتۈلگەندۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر. \f □ \fr 9:10 \ft \+bd «شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر»\+bd* ــ «ئام.» 13:9نى كۆرۈڭ.\f* \v 11 بىز سىلەرگە روھىي بەخت-بەرىكەتلەرنى تېرىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتىن يىغىۋالساق بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ \x + \xo 9:11 \xt رىم. 15‏:27؛ گال. 6‏:6. \x* \v 12 باشقا \add خىزمەتچىلەر\add* سىلەردە مۇشۇ ھوقۇقنى ئىشلەتكەن يەردە، بىز شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بولىدىغۇ؟ ئەمما مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز. \f □ \fr 9:12 \ft \+bd «... مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز»\+bd* ــ غەلىتە يېرى شۇكى، بەزىلەر «پاۋلۇس ۋە بارناباس ھەقىقىي روسۇللار ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىزدىن پۇل \+bd سوراپ باقمىغان!\+bd*» دېگەن.\f*  \x + \xo 9:12 \xt روس. 20‏:33؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13. \x* \v 13 ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ \x + \xo 9:13 \xt قان. 18‏:1. \x* \v 14 شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر.\f □ \fr 9:14 \ft \+bd «... خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن»\+bd* ــ دېمەك، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن.\f*  \x + \xo 9:14 \xt لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ مات. 10‏:10؛ لۇقا 10‏:7؛ 1تىم. 5‏:18. \x* \m \v 15 ئەمما مەن بولسام بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. ھەم ھازىرمۇ مۇشۇ ھوقۇقتىن پادىلىناي دەپ مۇشۇلارنى يېزىۋاتقىنىم يوق! چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك! \f □ \fr 9:15 \ft \+bd «مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك!»\+bd* ــ «بۇ پەخىرلەنگىنىم» دەل ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنى ھېچقانداق ئىنئام-ھەدىيەنى قوبۇل قىلماي جاكارلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 16 چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي! \v 17 چۈنكى ئەگەر ئۇنى خالىس قىلسام، بۇنىڭدىن ماڭا ئىنئام بولىدۇ؛ ئەمما ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولمىسا، بۇ پەقەت مېنىڭ غوجىدارلىق بۇرچىنى ئادا قىلغىنىم بولىدۇ، خالاس. \m \v 18 شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن ــ دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق \add ھەق ئېلىش\add* ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر. \m \v 19 چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن. \v 20 يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛ \x + \xo 9:20 \xt روس. 16‏:3؛ 18‏:18؛ 21‏:23. \x* \v 21 تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا نىسبەتەن (خۇدا ئالدىدا قانۇنسىز بولماي، بەلكى مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشۇم بىلەن) مەن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا ئوخشاش بولدۇم؛ \f □ \fr 9:21 \ft \+bd «تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلار»\+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىي ئەمەسلەر. ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغانلاردۇر. \+bd «مەسىھنىڭ قانۇنى»\+bd* ــ مۇقەددەس روھتا ياشاپ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن» ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەندىن ئىبارەت، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 9:21 \xt گال. 2‏:3. \x* \v 22 ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم. \f □ \fr 9:22 \ft \+bd «ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم»\+bd* ــ «ئاجىزلار» بەلكىم خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنى، ياكى ئېتىقادى كۈچلۈك ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 9:22 \xt رىم. 15‏:1؛ 1كور. 10‏:33؛ گال. 6‏:1. \x* \v 23 ئۆزۈمنىڭ خۇش خەۋەردىن نېسىۋەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى دەپ ھەممە ئىشنى قىلىمەن. \m \v 24 بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىدۇ، ئەمما پەقەت بىرىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىنى بىلمەمسىلەر؟ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار. \x + \xo 9:24 \xt گال. 2‏:2؛ 5‏:7؛ فىل. 2‏:16؛ 2تىم. 4‏:7؛ ئىبر. 6‏:18. \x* \v 25 مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما بىز بولساق چىرىماس تاج ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز. \f □ \fr 9:25 \ft \+bd «مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ...»\+bd* ــ ئەسلىدىكى «ئولىمپىيا»دىكى غالىبلار يوپۇرماق-گۈللەردىن ياسالغان تاجغا ئېرىشەتتى.\f*  \x + \xo 9:25 \xt 2تىم. 2‏:4؛ 4‏:7،8؛ 1پېت. 4‏:1؛ 5‏:4. \x* \v 26 شۇڭا مەن نىشانسىز ئادەمدەك يۈگۈرۈۋاتمايمەن؛ مۇشت ئاتسام ھاۋاغا ئاتىدىغان ئادەمدەك بولمايمەن. \v 27 ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆز تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆزۈمگە كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن؛ ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقىلارغا تەلىم جاكارلاپ تۇرۇپ ئۆزۈم لاياقەتلىك بولماي قېلىشىم مۇمكىن. \b \b \m \c 10 \s1 ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتكەندىكى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك \m \v 1 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلۇت ئاستىدا يۈرگەنلىكىدىن ۋە ھەممىسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ماڭغانلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمەن؛\x + \xo 10:1 \xt مىس. 13‏:21؛ 14‏:22؛ چۆل. 9‏:18؛ قان. 1‏:33؛ يە. 4‏:23؛ نەھ. 9‏:12،19؛ زەب. 78‏:13،14؛ 105‏:39. \x* \v 2 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ \add يېتەكچىلىكىگە\add* چۆمۈلدۈرۈلگەن؛\f □ \fr 10:2 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ (سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، 1-ئايەتنى كۆرۈڭ) ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىگە چۆمۈلدۈرۈلگەن»\+bd* ــ مۇشۇ (1-2-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن) ۋەقەلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىسىردىن چىقىش» 14-بابنى كۆرۈڭ. «مۇسا» مۇسا پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە. مۇشۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە ۋە بۇ بابتىكى باشقا مىساللار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:2 \xt مىس. 13‏:20-22؛ 14‏:19، 20. \x* \v 3 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش روھىي تائامنى يېگەن،\x + \xo 10:3 \xt مىس. 16‏:15. \x* \v 4 ھەممىسى ئوخشاش روھىي ئىچىملىكنى ئىچكەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە \add ھەمراھ بولۇپ\add* ئەگىشىپ يۈرگەن روھىي ئۇيۇلتاشتىن ئىچەتتى (ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ ئۇيۇلتاش مەسىھنىڭ ئۆزى ئىدى)؛\x + \xo 10:4 \xt مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 78‏:15-16\x* \v 5 شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن رازى بولمىغانىدى؛ چۈنكى «ئۇلار\add نىڭ جەسەتلىرى\add* چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان».\f □ \fr 10:5 \ft \+bd «ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان»\+bd* ــ «چۆل.» 16:14، 32.\f*  \x + \xo 10:5 \xt چۆل. 26‏:65. \x* \m \v 6 ئەمما بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا بىزلەرگە ساۋاق-بېشارەت بولسۇن ئۈچۈن چۈشكەنىدى؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ يامان ئىشلارغا ھەۋەس قىلغىنىدەك ھەۋەس قىلماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر.\x + \xo 10:6 \xt چۆل. 11‏:4،33؛ زەب. 106‏:14.\x* \v 7 سىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئوخشاش بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار؛ بۇلار توغرۇلۇق: «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» دەپ پۈتۈلگەن.\f □ \fr 10:7 \ft \+bd «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «كەيپ-ساپا» بەلكىم بۇتپەرەسلىك ھەم ئۇنىڭغا باغلانغان شەھۋانىيەتنى كۆرسىتىدۇ. «پۈتۈلگەن» ــ «مۇقەددەس كىتابتا پۈتۈلگەن»، ئەلۋەتتە («مىس.» 6:32).\f*  \x + \xo 10:7 \xt مىس. 32‏:6. \x* \v 8 بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى.\f □ \fr 10:8 \ft \+bd «بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى»\+bd* ــ بۇ ۋەقە «چۆل.» 1:25-9دە خارىتىلەنگەن.\f*  \x + \xo 10:8 \xt چۆل. 25‏:1، 9؛ زەب. 106‏:28-29. \x* \v 9 يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى. \f □ \fr 10:9 \ft \+bd «يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى»\+bd* ــ «چۆل.» 1:21-9نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:9 \xt چۆل. 21‏:5؛ زەب. 106‏:14\x* \v 10 يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى \add پەرىشتە\add* تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. \f □ \fr 10:10 \ft \+bd «يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى»\+bd* ــ «چۆل.» 41:16-50نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:10 \xt مىس. 16‏:2؛ 17‏:2؛ چۆل. 14‏:36؛ زەب. 106‏:25-26\x* \v 11 ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن ۋە ئاخىرقى زامانلار بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردىن ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. \f □ \fr 10:11 \ft \+bd «بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن»\+bd* ــ «بېشارەتلىك مىساللار»: «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ باب توغرۇلۇق سۆزلىگىنىمىزدە بۇ تېما توغرۇلۇقمۇ توختىلىمىز.\f*  \x + \xo 10:11 \xt رىم. 15‏:4؛ 1كور. 9‏:10؛ فىل. 4‏:5؛ ئىبر. 10‏:25. \x* \v 12 شۇنىڭ بىلەن «مەن \add ئېتىقادتا\add* چىڭ تىرەپ تۇرماقتىمەن» دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ھېزى بولسۇن! \v 13 سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. ۋە خۇدا بولسا ۋەدىسىدە تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرنى كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ، بەلكى سىناق بېشىڭلارغا چۈشكەندە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش يولىنى يارىتىپ بېرىدۇ؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىدىغان بولىسىلەر. \f □ \fr 10:13 \ft \+bd «سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن»\+bd* ــ ئەينى تېكىستتە: «سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن ھېچقايسىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەمەس» دېگەن شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.\f*  \x + \xo 10:13 \xt 1كور. 1‏:8؛ 1تېس. 5‏:24؛ 2پېت. 2‏:9. \x* \v 14 شۇ سەۋەبتىن، سۆيۈملۈكلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن قېچىڭلار! \m \v 15 سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ شۇنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سۆزلىگەنلىرىمنى باھالاپ بېقىڭلار: ــ \v 16 بىز بەرىكەتلىك بولسۇن دەپ تىلىگەن، بەرىكەتلىك جامدىكى شارابنى ئىچكىنىمىز، مەسىھنىڭ قېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئوشۇتقان ناننى يېگىنىمىز، مەسىھنىڭ تېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ \f □ \fr 10:16 \ft \+bd ««بەرىكەتلىك جام» ... «ئوشتىدىغان نان»»\+bd* ــ «بەرىكەتلىك جام» ۋە «ئوشۇتقان نان» دېگەنلەر «رەبنىڭ زىياپىتى» ياكى «رەبنىڭ غىزاسى»دىن ئىبارەتتۇر. «رەبنىڭ زىياپىتى» ياكى «رەبنىڭ داستىخىنى» توغرۇلۇقمۇ 23:11-34نى كۆرۈڭ.\f* \v 17 بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز. \f □ \fr 10:17 \ft \+bd «بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نان بىر بولغاچقا، بىزمۇ بىر تەن بولىمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز بىر ناندىن نىسىۋە ئالىمىز».\f*  \x + \xo 10:17 \xt رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27. \x* \v 18 جىسمانىي ئىسرائىلغا قاراڭلار؛ قۇربانلىقلارنى يېگەنلەر قۇربانگاھقا نېسىپداشلار ئەمەسمۇ؟ \v 19 ئەمدى نېمە دېمەكچىمەن؟ بۇتقا ئاتاپ سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ بۇتنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ \x + \xo 10:19 \xt 1كور. 8‏:4. \x* \v 20 ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. \f □ \fr 10:20 \ft \+bd «كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ»\+bd* ــ «كاپىرلار» گرېك تىلىدا «تائىپىلەر» ياكى «ئەللەر».\f*  \x + \xo 10:20 \xt لاۋ. 17‏:7؛ قان. 32‏:17. \x* \v 21 رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. \v 22 رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟ \m \v 23 «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ \add ئېتىقادىنى\add* قۇرالمايدۇ. \f □ \fr 10:23 \ft \+bd «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»\+bd* ــ بۇ سۆز-ئىبارە بەلكىم كورىنتلىقلار ئىشلىتىۋاتقان ئىنجىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق تەلىملەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتكە يېقىن بولغىنى بىلەن، پاۋلۇس ھازىر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق باشقا تەرەپلەردىنمۇ ئويلاش كېرەك، دەپ تەلىم بەرمەكچى.\f*  \x + \xo 10:23 \xt 1كور. 6‏:12. \x* \v 24 ئەمدى ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىنى ئىزدىمىسۇن، بەلكى ئۆزگىلەرنىڭكىنى ئىزدىسۇن. \x + \xo 10:24 \xt 1كور. 13‏:5؛ فىل. 2‏:4. \x* \v 25 گۆش بازىرىدا سېتىلغان ھەربىرنەرسىنى ۋىجدانىڭلارنى دەپ ئولتۇرماي، ھېچنېمىنى سۈرۈشتە قىلماي يەۋېرىڭلار. \v 26 چۈنكى «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» \add دەپ پۈتۈلگەن\add*. \f □ \fr 10:26 \ft \+bd «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر»\+bd* ــ «زەب.» 1:24 ۋە 12:50، 11:89.\f*  \x + \xo 10:26 \xt مىس. 19‏:5؛ زەب. 24‏:1؛ 50‏:12؛ 89‏:11\x* \v 27 ئەمما ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ بىرەرسى سېنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلسا ۋە كۆڭلۈڭ تارتسا، ئالدىڭغا قويۇلغان ھەممىنى ۋىجدانىڭنى دەپ ئولتۇرماي يەۋەر؛ \x + \xo 10:27 \xt لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 8‏:7. \x* \v 28 ئەمما بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە، ئۇنداقتا ئۇنى يېمە؛ نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتقان ئادەمنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋىجداننىڭ سەۋەبى ئۈچۈندۇر؛ \f □ \fr 10:28 \ft \+bd «بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە،...»\+bd* ــ دېگۈچىنىڭ كۆرسەتمەكچى بولغىنى بەلكىم: (1) «سەن ئىشەنگۈچى ئەمەسمۇ، بۇنداق بۇتلارغا چېتىشلىق نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك» ياكى (2) «بۇ ئالاھىدە بۇتلارغا نەزىر قىلىنغان، شۇڭا ئۇنى يېسەڭ، ساڭا ئالاھىدە بەرىكەت بولىدۇ!». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.\f* \v 29 مەن دېگەن ۋىجدان سېنىڭكى ئەمەس، بەلكى ھېلىقى كىشىنىڭ ۋىجدانى؛ مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە باشقىلارنىڭ ۋىجدانى تەرىپىدىن يامان دەپ باھا بېرىلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ \v 30 مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟ \f □ \fr 10:30 \ft \+bd «مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟»\+bd* ــ مۇشۇ مۇھىم پرىنسىپ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 10:30 \xt رىم. 14‏:6؛ 1تىم. 4‏:3. \x* \v 31 شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار. \x + \xo 10:31 \xt كول. 3‏:17. \x* \v 32‏-33 مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. \m مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار.\x + \xo 10:32‏-33 \xt رىم. 14‏:13؛ 1كور. 9‏:22. \x* \b \b \m \c 11 \s1 ئىبادەت قائىدىلىرى \m \v 1‏-2 ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر.\x + \xo 11:1‏-2 \xt 1كور. 4‏:16؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2تېـس. 3‏:9. \x* \v 3 ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن.\f □ \fr 11:3 \ft \+bd «ئايال (ياكى قىز)نىڭ بېشى ئەردۇر»\+bd* ــ توي قىلغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۆز ئېرى، ئەلۋەتتە؛ تۇرمۇشقا چىقمىغان بولسا ئۇنىڭ ئاتىسى؛ تەنھا، تۇل ياكى ئاجراشقان قىز-ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ بېشى (بار بولسا) جامائەتتىكى ئاقساقاللار بولىدۇ.\f*  \x + \xo 11:3 \xt يـۇھ. 14‏:28؛ 1كور. 3‏:23؛ 15‏:27؛ ئ‍ەف. 5‏:23. \x* \v 4 شۇڭا، \add ئىبادەتكە قاتناشقاندا\add*، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.\f □ \fr 11:4 \ft \+bd «ئىبادەتكە قاتناشقاندا، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا ... بېشارەت بەرسە»\+bd* ــ «بېشارەت بەرسە» ــ «خۇدانىڭ ۋەھىيىسىنى يەتكۈزسە»، ياكى «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلسا...» دېگەنلىك. «ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىق قىلىدۇ» ــ دېمەك، مەسىھگە بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ.\f* \v 5 ئەمما \add ئىبادەتكە قاتناشقاندا\add*، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، \add رەسۋا قىلىنغان\add* ئايالدىن پەرقى يوقتۇر.\f □ \fr 11:5 \ft \+bd «...ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئۆز ئېرىگە ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ. \+bd «بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، رەسۋا قىلىنغان ئايالدىن پەرقى يوقتۇر»\+bd* ــ كونا زامانلاردا ئاياللار بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، ئۇلارنى جازالاش ئۇسۇلى ئايالنى رەسۋا قىلىپ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئىدى.\f* \v 6 ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن.\x + \xo 11:6 \xt چۆل. 5‏:18؛ قان. 22‏:5. \x* \v 7 چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر.\f □ \fr 11:7 \ft \+bd «چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر»\+bd* ــ بۇ ئايەتتىن (ۋە شۇنداقلا 4-6-ئايەتلەردىن) پاۋلۇسنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللار ئەمەس، بەلكى ئىبادەت سورۇنلىرى توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرىدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ ئەرلەرگە تالاغا چىققاندا ھەرقانداق بۆكلەرنى كىيىشىنى مەنئى قىلغىنى ئەمەس! ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ئاياللارنىڭ تالادا يۈرگەندە رومال-ياغلىق ئارتىش-ئارتماسلىقى توغرىسىدىمۇ گەپ يوق.\f*  \x + \xo 11:7 \xt يار. 1‏:26،27؛ 5‏:1؛ 9‏:6؛ كول. 3‏:10. \x* \v 8 چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر.\f □ \fr 11:8 \ft \+bd «چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا ھاۋا ئانىمىزنى ئادەمئاتىمىزنىڭ تېنىدىن قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ ياسىغان. «يار.» 2-بابنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 11:8 \xt يار. 2‏:18، 21. \x* \v 9 شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. \v 10 بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق\add نىڭ\add* \add بەلگىسىگە\add* ئىگە بولۇشى كېرەك. \f □ \fr 11:10 \ft \+bd «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇقنىڭ بەلگىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك»\+bd* ــ «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىز بۇ ئايەتلەر (1-16)نى تەپسىلىي ھالدا شەرھلەيمىز.\f* \v 11 ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ \v 12 چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق \add تۇغۇلىدۇ\add*؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. \v 13 ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ \v 14 تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ \v 15 ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان. \m \v 16 \add بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق\add* تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، \add شۇنى بىلسۇنكى\add*، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. \x + \xo 11:16 \xt 1تىم. 6‏:4. \x* \b \m \s1 رەبنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق \m \v 17 ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. \v 18 چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. \v 19 ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. \f □ \fr 11:19 \ft \+bd «ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ...»\+bd* ــ ئاز بولمىغان ئالىملار پاۋلۇسنىڭ بۇ جۈملىسى كىنايىلىك، كورىنتلىقلارنى تەنقىد قىلىدىغان ئالاھىدە سۆزلەر، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ مۇشۇ كۆزقاراشقا مايىلمىز؛ چۈنكى ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان باشقا جامائەتلەر ئارىسىدا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بىرلىكى خېلى كۈچلۈك ئىدى (مەسىلەن، فىلىپپى شەھىرىدىكى جامائەتتە). \fp قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم جامائەتتىكى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كورىنت جامائەتتەك «روهقا تەۋە» ئەمەس، بەلكى «ئەتكە تەۋە»، «ئەتىقادتا بوۋاقلار» بولسا، ئۇنداقتا «بۆلۈنۈشلەر» پەيدا بپولماي قالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن رەبنىڭ يولىنى ئىزدىگۈچىلەرگە كۆپرەك بېسىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھتا ئۆستۈرۈلۈشىگە مۇھىم بىر تۈرتكە بولىدۇ.\f*  \x + \xo 11:19 \xt مات. 18‏:7؛ لۇقا 17‏:1؛ روس. 20‏:30؛ 1يۇھ. 2‏:19. \x* \m \v 20 سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر \add ھەقىقەتەن\add* «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. \x + \xo 11:20 \xt لۇقا 22‏:14-20. \x* \v 21 چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ. \f □ \fr 11:21 \ft \+bd «چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ»\+bd* ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، كورىنت ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يىغىنلىرىدا پات-پات «ئورتاق زىياپەت»نى تۇتاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رەبنىڭ زىياپىتى»نى يېيەتتى («يەھ.» 12نى كۆرۈڭ). لېكىن باي قېرىنداشلار ئۆز مول تاماقلىرى ئالغاچ ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ كۆرسىتەتتى، باشقا كەمبەغەل قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشمايتتى. «زىياپەت» قالايمىقان بولغاچقا، «رەبنىڭ زىياپىتى»نىڭ ئۆزى كۆزگە ئىلىنماي بولۇپ قېلىپ، رەبنىڭ نامىغا نومۇس كەلتۈرگەنىدى. \fp \f* \v 22 يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن.\f □ \fr 11:22 \ft \+bd «يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟»\+bd* ــ بەزى ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ ئولتۇرغان سورۇنلاردا كۆپ غىزالارنى ئېلىپ كېلىپ يېسە، غىزاسىز قېرىنداشلىرى ئەلۋەتتە خىجىل بولۇپ قالىدۇ.\f* \m \v 23 چۈنكى مەن سىلەرگە \add رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق\add* يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، \x + \xo 11:23 \xt مات. 26‏:26؛ مار. 14‏:22؛ لۇقا 22‏:19. \x* \v 24 تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. \v 25 شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. \f □ \fr 11:25 \ft \+bd «... مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر»\+bd* ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34دە بېشارەت بېرىلگەن.\f* \v 26 چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. \x + \xo 11:26 \xt يـۇھ. 14‏:3؛ روس. 1‏:11. \x* \v 27 شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. \x + \xo 11:27 \xt چۆل. 9‏:10،13؛ يـۇھ. 6‏:51،63،64؛ 13‏:27؛ 1كور. 10‏:21. \x* \v 28 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. \x + \xo 11:28 \xt 2كور. 13‏:5. \x* \v 29 چۈنكى \add رەبنىڭ\add* تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. \f □ \fr 11:29 \ft \+bd «... رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ»\+bd* ــ «رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەسلىك» دېگەنلىكنىڭ بەلكىم ئىككى خىل تەرەپلىمىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) ئۆزىنى «مەن رەبنىڭ تېنىدىكى بىر ئەزا، باشقا قېرىنداشلارمۇ شۇنداق» دەپ بىلىپ يەتمەي، «رەبنىڭ تېنى»دىكى قېرىنداشلارنى كۆزگە ئىلماسلىق (21-22-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ)؛ (2) «رەبنىڭ زىياپىتى رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ بىلىپ يەتمەسىلىك.\f* \v 30 بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى \add ئۆلۈمدە\add* ئۇخلاپ قالدى. \f □ \fr 11:30 \ft \+bd «ھەتتا خېلى بىر قىسمى ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالدى»\+bd* ــ «ئۇخلاپ قالدى» دېگەن سۆز ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىل بويىچە ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش پەقەت ۋاقىتلىق ئۇخلاش، خالاس.\f* \v 31 لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا \add رەبنىڭ\add* ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. \x + \xo 11:31 \xt زەب. 32‏:5؛ پەند. 18‏:17. \x* \v 32 ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. \v 33 شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، \add رەبنىڭ زىياپىتىدە\add* يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، \add ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە\add* بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار. \v 34 بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن. \b \b \m \c 12 \s1 روھىي ئىلتىپاتلار \m \v 1 ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن.\f □ \fr 12:1 \ft \+bd «روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك...»\+bd* ــ «روھىي ئىلتىپاتلار» دېگەنلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان، مۇشۇ بابتا «تەبىئەتتىن تاشقىرى» مۆجىزىلىك قابىلىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.\f* \v 2 سىلەر تائىپىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقتىڭلاردا ھەرخىل يوللارغا باشلىنىپ، گاس-گاچا بۇتلارغا \add چوقۇنۇشقا\add* ئازدۇرۇلۇپ كەتكىنىڭلارنى بىلىسىلەر. \v 3 شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ.\x + \xo 12:3 \xt مار. 9‏:39؛ يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 8‏:6. \x* \v 4 ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر.\f □ \fr 12:4 \ft \+bd «ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر»\+bd* ــ «روھ» دېگەن خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.\f*  \x + \xo 12:4 \xt رىم. 12‏:6؛ 1پېت. 4‏:10. \x* \v 5 خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما \add بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان\add* رەب بىردۇر. \v 6 ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر. \v 7 ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ. \v 8 چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛\f □ \fr 12:8 \ft \+bd «... روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىككى ئىلتىپات ۋە تۆۋەندىكى يەنە يەتتە «روھىي ئىلتىپات» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 9 يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق \add كېسەللەرنى\add* ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، \f □ \fr 12:9 \ft \+bd «كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ساقايتىشلارنىڭ ئىلتىپاتلىرى» ــ دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ مۆجىزىلىك ساقايتىش يوللىرى بىرخىللا ئەمەس.\f* \v 10 بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. \f □ \fr 12:10 \ft \+bd «ۋەھىي-بېشارەت بېرىش»\+bd* ــ گرېك تىلىدا: «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلىش». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 11 ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.\x + \xo 12:11 \xt رىم. 12‏:3، 6؛ 1كور. 7‏:7؛ 2كور. 10‏:13؛ ئ‍ەف. 4‏:7. \x* \m \v 12 چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر. \x + \xo 12:12 \xt رىم. 12‏:4، 5؛ ئ‍ەف. 4‏:16. \x* \v 13 چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق. \x + \xo 12:13 \xt گال. 3‏:28. \x* \v 14 چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. \v 15 ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ \v 16 قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ \v 17 پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ \v 18 ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ \v 19 ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ \v 20 ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر. \v 21 كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ. \v 22 دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛ \v 23 ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛ \v 24 ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ. \v 25 بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. \v 26 بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ. \m \v 27 ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر. \x + \xo 12:27 \xt رىم. 12‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 4‏:12؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. \x* \v 28 خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ــ ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. \f □ \fr 12:28 \ft \+bd «ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەر...»\+bd* ــ «تەۋرات دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» ۋە «ئىنجىل دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. \+bd «نامەلۇم تىللار»\+bd* ــ «روھىي تىللار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ تىللارنى خۇدانىڭ روھى ئىنساننىڭ روھىغا تاپشۇرىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا بىز ئۇلارنى «كارامەت تىل»، «ناتونۇش تىل»، «غەيرىي تىل» دەپمۇ ئاتايمىز، چۈنكى بۇ تىل سۆزلىگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك ئەمەس؛ «تەبىئەتتىن تاشقىرى» بولغان بۇ خىل تىلنى «دۇئا تىلى» دەپ تەرىپلىسەكمۇ بولىدۇ.\f*  \x + \xo 12:28 \xt ئ‍ەف. 2‏:20؛ 4‏:11.\x* \v 29 ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟ \v 30 ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟ \v 31 ئەمما سىلەر چوڭراق ئىلتىپاتلارنى تەقەززا بولۇپ قوغلاڭلار؛ ھالبۇكى، مەن ھازىر سىلەرگە ھەممىدىن ئەۋزەل بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرەي. \b \b \m \c 13 \s1 مېھىر-مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ \m \v 1 مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس.\f □ \fr 13:1 \ft \+bd «مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ...»\+bd* ــ دېمەك، «شۇنداق ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي ئىلتىپات مەندە بولسىمۇ،...». بۇ ئايەتتىن يەنە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ھەربىر «نامەلۇم تىل» ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تىلى ياكى پەرىشتىلەرنىڭ تىلىدۇر.\f* \v 2 ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن.\x + \xo 13:2 \xt مات. 7‏:22؛ 17‏:20؛ 21‏:21؛ مار. 11‏:23؛ لۇقا 17‏:6؛ رىم. 12‏:7. \x* \v 3 ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى \add خۇدانىڭ يولىدا\add* قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ. \m \v 4 مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ \m مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: \m مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، \m تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ،\x + \xo 13:4 \xt پەند. 10‏:12؛ 1پېت. 4‏:8. \x* \m \v 5 نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، \m ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، \m تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، \m كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛\x + \xo 13:5 \xt 1كور. 10‏:24؛ فىل. 2‏:4. \x* \m \v 6 ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، \m بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛\x + \xo 13:6 \xt 2يۇھ. 4. \x* \m \v 7 ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ \add خۇداغا\add* ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ.\f □ \fr 13:7 \ft \+bd «ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ...»\+bd* ــ ياكى «ھەممە ئىشنى ياپىدۇ...» ــ دېمەك، مۇمكىن بولسا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىك-گۇناھلىرىنى چىتقا يايمايدۇ.\f* \m \v 8 مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: \add مۆجىزىلىك\add* بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ. \v 9 چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛ \v 10 لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ. \v 11 مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم. \v 12 چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن \add خۇدا\add* مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن.\x + \xo 13:12 \xt 2كور. 3‏:18. \x* \m \v 13 ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. \b \b \m \c 14 \s1 «روھىي ئىلتىپاتلار»دىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك \m \v 1 مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار.\f □ \fr 14:1 \ft \+bd «بېشارەت بېرىش»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تەۋرات دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» ۋە «ئىنجىل دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» توغرۇلۇق قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 2 چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. \v 3 لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ. \v 4 نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ \add ئېتىقادىنى\add* قۇرىدۇ.\f □ \fr 14:4 \ft \+bd «نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆزىنى قۇرىدۇ». 14-ئايەتنى كۆرۈڭ.\f* \v 5 ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. \m \v 6 قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا كېلىپ، نامەلۇم تىللاردىلا سۆزلىگىنىم بىلەن مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىمنى يەتكۈزمىسەم، مەن سىلەرگە نېمە پايدا تەگكۈزىمەن؟\f □ \fr 14:6 \ft \+bd «مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىم...»\+bd* ــ بۇلار چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك، ئەلۋەتتە.\f* \v 7 ھەتتا ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەيلى نەي بولسۇن، چىلتار بولسۇن شۇنداق؛ ئۇلارنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بولمىسا، ئۇلاردا چېلىنغان پەدە قانداقمۇ پەرق ئېتىلسۇن؟ \v 8 \add جەڭ\add* كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، كىم جەڭگە ھازىرلانسۇن؟ \v 9 شۇنىڭدەك سىلەر تىلدا ئېنىق چۈشىنەلىگۈدەك سۆز قىلمىساڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ سىلەر ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. \v 10 جاھاندا، شۈبھىسىزكى، خىلمۇخىل تىل-ئاۋازلار بار ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەنىسىز ئەمەس؛ \v 11 ئەگەر ئەمدى مەن مەلۇم ئاۋاز-تىلنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەم، مەن سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن يات ۋە ئۇ ماڭا نىسبەتەن يات بولىدۇ. \v 12 ئەھۋال سىلەردىمۇ شۇنداق. شۇڭا، سىلەر روھىي ئىلتىپاتلارغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى قۇرىدىغان ئىلتىپاتلارغا باي بولۇشقا ئىنتىلىڭلار. \v 13 شۇڭا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان بولسام دەپ دۇئا قىلسۇن. \v 14 چۈنكى نامەلۇم تىلدا دۇئا قىلغىنىمدا، روھىم دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكىمدىن بولسا مېۋە چىقمايدۇ. \m \v 15 ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بەزىدە روھىم بىلەن دۇئا قىلىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ دۇئا قىلىمەن؛ مەن بەزىدە روھىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن؛ \x + \xo 14:15 \xt ئ‍ەف. 5‏:19؛ كول. 3‏:16. \x* \v 16 بولمىسا، پەقەت روھىڭ بىلەنلا مەدھىيە ئوقۇساڭ، ئىشلەتكەن \add تىلىڭنى\add* بىلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغۇچى تەشەككۈرۇڭگە قانداقمۇ «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئېيتقىنىڭنى چۈشەنمەيدۇ. \v 17 سەن دەرھەقىقەت تەشەككۈرنى ياخشى ئېيتىسەن، ئەمما يېنىڭدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىقادى قۇرۇلغىنى يوق. \v 18 مەن بۇنداق نامەلۇم تىللاردا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ \v 19 ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن. \f □ \fr 14:19 \ft \+bd «باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك زېھنىم بىلەن (سۆزلىنىدىغان) سۆزدىن...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.\f* \v 20 قېرىنداشلار، ئەقىل-ھوشۇڭلاردا بالا بولماڭلار؛ يامانلىق جەھەتىدە بوۋاق بولۇڭلار، ئەمما ئەقىل-ھوشۇڭلاردا پىشقەدەم بولۇڭلار.\x + \xo 14:20 \xt مات. 18‏:3؛ 19‏:14؛ ئ‍ەف. 4‏:14؛ 1پېت. 2‏:1، 2. \x* \m \v 21 تەۋراتتا: «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» دەپ پۈتۈلگەندۇر. \f □ \fr 14:21 \ft \+bd «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار»\+bd* ــ «يەش.» 11:28-12.\f*  \x + \xo 14:21 \xt قان. 28‏:49؛ يەش. 28‏:11-12. \x* \v 22 شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. \v 23 شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ \v 24 ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ \f □ \fr 14:24 \ft \+bd «ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار...»\+bd* ــ «نامەلۇم تىللار» ۋە «ۋەھىي-بېشارەتلەر»نىڭ «ئالامەت بەلگە» بولۇشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 25 قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: ــ «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ. \b \m \s1 جامائەت ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر \m \v 26 ئەمدى قېرىنداشلار، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەربىرىڭلاردا \add بىر ئىلتىپات\add* بولىدۇ؛ بىرسىدە مەدھىيە ناخشىسى، بىرسىدە تەلىم، بىرسىدە نامەلۇم تىل، بىرسىدە ۋەھىي، بىرسىدە نامەلۇم تىلنىڭ يېشىمى بولىدۇ. ھەممە ئىشلار ئېتىقادنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولسۇن. \v 27 نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن. \v 28 ئەمما \add جامائەتتە\add* ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن. \v 29 ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئىككى-ئۈچى سۆزلىسۇن؛ قالغانلار گەپلىرىنىڭ ۋەزنىنى دىتلاپ تۇرسۇن؛ \v 30 ئەمما ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن باشقا بىر كىشىگە مەلۇم بىر ۋەھىي بېرىلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى توختىتىپ نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. \v 31 چۈنكى ھەممىڭلار بىر-بىرلەپ ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆگىنىدۇ، ھەممەيلەن رىغبەتلىنىدۇ. \v 32 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. \f □ \fr 14:32 \ft \+bd «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر سۆز. دېمەك، مۇقەددەس روھ ھەرقانداق روھىي ئىلتىپاتلارنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ھەرگىز ئىلتىپاتنى قوبۇل قىلغۇچى كىشىنى ئۇنى دەرھال بىئىختىيار ھالدا ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزىدىغان كىشىلەر بىر-بىرىنى كۈتۈپ نۆۋەت بىلەن سۆزلىسە بولىدۇ.\f* \v 33 چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار. \m \v 34 ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار \add تەرتىپكە\add* بويسۇنسۇن. \f □ \fr 14:34 \ft \+bd «ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە بويسۇنسۇن»\+bd* ــ بۇ يوليورۇق قىز-ئاياللار پۈتۈنلەي سۈكۈت قېلىشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس؛ چۈنكى يۇقىرىدا (2:11-11) ئۇ قىز-ئاياللارنىڭ جامائەتتە دۇئا قىلىشى ۋە ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزۈشىدىكى بەلگىلىمىلەر توغرۇلۇق ئېيتىپ بەردى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 14:34 \xt يار. 3‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1تىم. 2‏:12؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1. \x* \v 35 ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر.\f □ \fr 14:35 \ft \+bd «ئەمما ئۇلار (ئاياللار) مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر»\+bd* ــ 34-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەنىسى بەلكىم: «جامائەتتىكى تەرتىپنى بۇزۇپ سۆزلەش ئاياللارغا ياراشمايدۇ» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.\f* \m \v 36 خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! \v 37 بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. \v 38 بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. \f □ \fr 14:38 \ft \+bd «بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىرسى بۇنى بىلىپ يېتىشنى خالمىسا، ئۇ بىلىمسىز قالسۇن».\f* \v 39 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار. \m \v 40 \add خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا\add*، ھەربىر ئىش چىرايلىق، تەرتىپلىك قىلىنسۇن. \b \b \m \c 15 \s1 تىرىلىش \m \v 1 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ \v 2 مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر.\f □ \fr 15:2 \ft \+bd «ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا...»\+bd* ــ ئادەمنىڭ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىشى «بىكارغا كېتىش»ىمۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ بابتا بىر مىسال كۆرسىتىلىدۇ؛ بىرسى خۇش خەۋەرنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا (بۇ نۇقتا ئۇنىڭغا ياقمىغان، ياكى ئۇ ئۇنى ئۆگىنىشنى خالىمىغان بولسا)، ئۇنداقتا بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنكار قىلغانغا باراۋەر؛ دېمەك، شۇ ئىشەنگۈچى ئادەم، گەرچە «ئىشەنگەن بولسىمۇ»، تولۇق ئىشەنمىگەچكە، ئىشىنىش يولى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىردا ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.\f*  \x + \xo 15:2 \xt رىم. 1‏:16؛ 1كور. 1‏:21. \x* \m \v 3 چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛\x + \xo 15:3 \xt يەش. 53‏:7؛ دان. 9‏:24،26؛ 1كور. 5‏:7؛ 1پېت. 2‏:24. \x* \v 4 ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛\x + \xo 15:4 \xt زەب. 16‏:10؛ يەش. 53‏:8، 9؛ يۇن. 2‏:1؛ مات. 12‏:40\x* \v 5 ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛\f □ \fr 15:5 \ft \+bd «كېفاس»\+bd* ــ يەنى روسۇل بولغان سىمون پېترۇس. \+bd «ئون ئىككىيلەنگە»\+bd* ــ ئون ئىككى روسۇلغا كۆرۈنگەن، دېمەكچى. «ئون ئىككىيلەن» بەلكىم ماتتىيانى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن («روس.» 26:1).\f*  \x + \xo 15:5 \xt لۇقا 24‏:34؛ يـۇھ. 20‏:19؛ روس. 10‏:41. \x* \v 6 ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛ \v 7 ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛\f □ \fr 15:7 \ft \+bd «ئۇ ياقۇپقا ... كۆرۈندى»\+bd* ــ ياقۇپ مەسىھ ئەيسانىڭ چوڭ ئىنىسى، كېيىن ئۇ روسۇل بولغان. ئىنجىل «يۇھ.» 7:5نى كۆرۈڭ).\f* \v 8 ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى.\f □ \fr 15:8 \ft \+bd «خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭا...»\+bd* ــ « ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان مەن...» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:8 \xt روس. 9‏:3،17؛ 23‏:11؛ 1كور. 9‏:1؛ 2كور. 12‏:2. \x* \v 9 چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن. \x + \xo 15:9 \xt ئ‍ەف. 3‏:8؛ روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. \x* \v 10 لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن \add خۇدانىڭ خىزمىتىدە\add* بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر. \x + \xo 15:10 \xt 2كور. 11‏:23؛ 12‏:11. \x* \v 11 دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا \add روسۇللار\add* بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر. \m \v 12 ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟ \v 13 ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى. \v 14 شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى. \v 15 ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. \v 16 چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى. \v 17 مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار، \v 18 شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى. \v 19 ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز.\f □ \fr 15:19 \ft \+bd «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...»\+bd* ــ ياكى «ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىلا مەسىھگە باغلىغان بولساق...».\f* \m \v 20 ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ \f □ \fr 15:20 \ft \+bd «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»\+bd* ــ ئالدىن پىشقان مېۋە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ، باشقا مېۋىلەرنىڭ چوقۇم پىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغىنىدەك، مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئىمان-ئىشەنچتە بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭمۇ ھەققانىيلىقتا قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەۋرات بويىچە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى (بېغىشلىناتتى) («لاۋ.» 23-باب، «قان.» 4:18).\f*  \x + \xo 15:20 \xt كول. 1‏:18؛ 1پېت. 1‏:3؛ ۋەھ. 1‏:5. \x* \v 21 چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم \add ئالەمدە\add* پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق \add ئالەمدە\add* پەيدا بولدى. \x + \xo 15:21 \xt يار. 2‏:17؛ 3‏:6؛ رىم. 5‏:12،18؛ 6‏:23. \x* \v 22 ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى \add ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن\add* ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى \add ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن\add* ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. \v 23 ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. \v 24 ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. \f □ \fr 15:24 \ft \+bd «ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ»\+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \v 25 چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى \add مەغلۇپ قىلىپ\add* ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ \x + \xo 15:25 \xt زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:12. \x* \v 26 ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. \v 27 چۈنكى \add زەبۇردا\add* «\add خۇدا\add* پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» \add دەپ پۈتۈكلۈكتۇر\add*. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. \f □ \fr 15:27 \ft \+bd «چۈنكى زەبۇردا «خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر»\+bd* ــ «زەب.» 6:8.\f*  \x + \xo 15:27 \xt زەب. 8‏:6؛ مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:22؛ ئىبر. 2‏:8. \x* \v 28 ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. \v 29 ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ \f □ \fr 15:29 \ft \+bd «كىشىلەر ...ئۆلگەنلەر ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟»\+bd* ــ چۈشىنىش قىيىن بولغان بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.\f* \v 30 بىزلەر نېمە دەپ \add ھەر كۈنى\add* ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟ \v 31 رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، \add ئى قېرىنداشلىرىم\add*، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن. \f □ \fr 15:31 \ft \+bd «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەن ھەركۈنى ئۆلىمەن». \fp تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى: «مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتىمەن. بۇ راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا (شۇنداق كۆپ ئىشلارنى) قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر».\f* \v 32 ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ \f □ \fr 15:32 \ft \+bd ««ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم...»\+bd* ــ پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە، بەزى ئادەملەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. \+bd «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى»\+bd* ــ «يەش.» 13:22.\f*  \x + \xo 15:32 \xt يەش. 22‏:13؛ 56‏:12. \x* \v 33 ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». \f □ \fr 15:33 \ft \+bd «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر گرېك شائىرى مەناندەرنىڭكىدىن ئېلىنغان.\f* \v 34 ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟ \b \m \v 35 بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن. \x + \xo 15:35 \xt ئ‍ەز. 37‏:3. \x* \v 36 ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ. \f □ \fr 15:36 \ft \+bd «... قايتىدىن تىرىلمەيدۇ»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «... جانلاندۇرۇلمايدۇ».\f*  \x + \xo 15:36 \xt يـۇھ. 12‏:24. \x* \v 37 ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس. \v 38 ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ. \v 39 جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار. \v 40 ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛ \v 41 قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. \v 42 ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. \add تەن\add* چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ \f □ \fr 15:42 \ft \+bd «قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ (41-ئايەت). ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر»\+bd* ــ دېمەك، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ.\f*  \x + \xo 15:42 \xt دان. 12‏:3؛ مات. 13‏:43. \x* \v 43 ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. \v 44 ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ. \f □ \fr 15:44 \ft \+bd «تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە» ياكى «جانلىق بىر تەن سۈپىتىدە» دېيىلىدۇ؛ «جان» مۇشۇ يەردە ئىنساننىڭ زېھنى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېسسىياتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 45 شۇڭا \add تەۋراتتا\add* مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى. \f □ \fr 15:45 \ft \+bd «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»\+bd* ــ «يار.» 7:2. \+bd «ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى»\+bd* ــ «ئاخىرقى ئادەمئاتا» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.\f*  \x + \xo 15:45 \xt يار. 2‏:7. \x* \v 46 ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى. \f □ \fr 15:46 \ft \+bd «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «جانغا تەۋە بولغۇچى». 44-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. \+bd «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى»\+bd* ــ (گرېك تىلىدا: ««جانغا تەۋە بولغۇچى» ئاۋۋال كەلگەن، كېيىن «روھقا تەۋە بولغۇچى» كەلگەن») ــ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 47 دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛ \f □ \fr 15:47 \ft \+bd «دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولسا كېرەك، ئىبرانىي تىلىدا «ئادەم» دېگەن سۆز «تۇپراق»، «توپا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ («يار.» 7:2نى كۆرۈڭ).\f* \v 48 تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، \add ئۇنىڭدىن\add* \add بولغان\add* «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ. \v 49 بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز. \f □ \fr 15:49 \ft \+bd «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز»\+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولايلى» دېيىلىدۇ.\f*  \x + \xo 15:49 \xt 2كور. 4‏:11. \x* \v 50 ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ.\f □ \fr 15:50 \ft \+bd «... چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ»\+bd* ــ بۇ چىرىگۈچى تېنىمىز ئۆلىدۇ، پەقەت روھىمىز ئۆزگەرمەس ھالەتتە باقىي ئالەمگە كېتىدۇ. خۇدانىڭ بىز مۆمىن بەندىلىرى تىرىلدۈرۈلگەندە چىرىماس تېنىمىزنىڭ «چىرىگۈچى» تېنىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. خۇدا ئېتىقادچىلارغا پۈتۈنلەي يېڭى بىر تەن ئاتا قىلىدۇ.\f*  \x + \xo 15:50 \xt يـۇھ. 1‏:13. \x* \m \v 51 مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا \add ئۆلۈمدە\add* ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! \f □ \fr 15:51 \ft \+bd «مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن»\+bd* ــ «سىر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:51 \xt 1تېس. 4‏:16. \x* \v 52 بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛ \f □ \fr 15:52 \ft \+bd «...ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز»\+bd* ــ «ئەڭ ئاخىرقى كاناي» ــ ئىنجىل، «مات.» 31:24، «1تېس.» 16:4، «ۋەھ.» 7:10 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ.\f*  \x + \xo 15:52 \xt مات. 24‏:31؛ 1تېس. 4‏:16. \x* \v 53 چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ \v 54 ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». \f □ \fr 15:54 \ft \+bd «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!»\+bd* ــ «يەش.» 8:25 (LXX تەرجىمىسىدىن).\f*  \x + \xo 15:54 \xt يەش. 25‏:8. \x* \v 55 «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» \f □ \fr 15:55 \ft \+bd «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!»\+bd* ــ «ھوش.» 14:13. «ھوشىيا»دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئاھ، تەھتىسارا، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» («تەھتىسارا» ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي).\f*  \x + \xo 15:55 \xt ھوش. 13‏:14؛ ئىبر. 2‏:14. \x* \v 56 ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. \f □ \fr 15:56 \ft \+bd «گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئىنسانلار قانۇنسىز يۈرگەندە گۇناھ ئېڭى بولمايدۇ. لېكىن تەۋرات قانۇنىدىكى يۇقىرىقى تەلەپلەرنى بىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئەمەل قىلالمىغانلىقىدىن گۇناھنىڭ ھەقىقىي دەھشەتلىك كۈچلۈك بىرنەرسە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.\f* \v 57 لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!\f □ \fr 15:57 \ft \+bd «بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!»\+bd* ــ «غەلىبە» دېگەن سۆز ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.\f*  \x + \xo 15:57 \xt 1يۇھ. 5‏:5. \x* \m \v 58 شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. \b \b \m \c 16 \s1 كەمبەغەللەر ئۈچۈن ئىئانە قىلىش \m \v 1 ئەمدى مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە تاپىلىغىنىمدەك قىلىڭلار. \v 2 ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ.\f □ \fr 16:2 \ft \+bd «ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە»\+bd* ــ يەنى يەكشەنبە كۈنىدە.\f*  \x + \xo 16:2 \xt روس. 11‏:29؛ 2كور. 8‏:4؛ 9‏:1. \x* \v 3 مەن كەلگىنىمدە، سىلەر قايسى ئادەملەرنى لايىق كۆرۈپ تاللىساڭلار، مەن شۇلارغا \add تونۇشتۇرۇش\add* خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن.\f □ \fr 16:3 \ft \+bd «مەن شۇلارغا تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن»\+bd* ــ يېرۇسالېمدىكى جامائەت ناھايىتى كەمبەغەل بولۇپ قالغانىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.\f* \v 4 مېنىڭمۇ بېرىشىم مۇۋاپىق كۆرۈلسە، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ. \v 5 ئەمما مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا كېلىمەن ــ چۈنكى مەن ماكېدونىيەدىن ئۆتمەكچىمەن ــ \x + \xo 16:5 \xt 2كور. 1‏:15. \x* \v 6 بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىللە بىر مەزگىل تۇرۇشۇم مۇمكىن، ھەتتا يېنىڭلاردا قىشلاپ قېلىشىممۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك ئاندىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر. \v 7 چۈنكى بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن، بەلكى رەب بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇنراق بىر مەزگىل تۇرغۇم بار. \v 8 ئەمما مەن ئەفەسۇس شەھىرىدە ئورما ھېيتىغىچە تۇرماقچىمەن.\f □ \fr 16:8 \ft \+bd «ئورما ھېيتى»\+bd* ــ ياكى «ھوسۇل يىغىش ھېيتى». گرېك تىلىدا «پېنتېكوست ھېيتى» (ئەللىكىنچى كۈنى ھېيتى) دەپ ئاتىلىدۇ ــ چۈنكى بۇ ھېيت پاسخا ھېيتى (ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى)دىن 50 كۈن كېيىن بولىدۇ.\f* \v 9 چۈنكى \add مۇشۇ يەردە\add* ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدەك قارشى چىققۇچىلارمۇ كۆپ.\f □ \fr 16:9 \ft \+bd «ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى»\+bd* ــ خۇش خەۋەر تارقىتىدىغان پۇرسەتنى كۆرسىتىدۇ.\f* \m \v 10 تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قورقماي ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەبنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. \v 11 شۇڭا ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن؛ بەلكى ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن ئۇزىتىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن. \v 12 ئەمما قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەم، ئۇنىڭدىن قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ. \b \m \v 13 ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار؛ مەردانە ئەردەك بولۇڭلار! قەيسەر بولۇڭلار! \m \v 14 سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن. \m \v 15‏-16 ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، ئاخايا ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقاد مېۋىسى بولغان ستىفاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا قانداق ئۆزلىرىنى ئاتىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار. \f □ \fr 16:15‏-16 \ft \+bd «ئاخىيا ئۆلكىسى»\+bd* ــ ھازىرقى گرېتسىيە، «يۇنان». \+bd ««ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلار...»\+bd* ــ «خىزمەتتە» ــ رەبنىڭ خىزمىتىدە، ئەلۋەتتە. پاۋلۇسقا نىسبەتەن پەقەت بىرلا خىزمەت مەۋجۇت ئىدى.\f* \v 17 ئەمما \add يېنىڭلاردىن\add* ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم؛ چۈنكى ئۇلار سىلەر تەرەپتىن كەم بولغانلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. \f □ \fr 16:17 \ft \+bd «... يېنىڭلاردىن ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم»\+bd* ــ مۇشۇ ئۈچ بۇرادەرنىڭ كورىنتلىقلارنىڭ جامائىتىنىڭ يېنىدىن كېلىشى پاۋلۇسقا مۇشۇ رىغبەت بەرگۈچى خەتنى يېزىپ يوللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى.\f* \v 18 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ روھىمنى ۋە ھەم سىلەرنىڭكىنىمۇ يېڭىلاندۇردى؛ شۇڭا شۇنداق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەڭلار. \m \v 19 ئاسىيادىكى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان جامائەتتىنمۇ رەبدە سىلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ. \f □ \fr 16:19 \ft \+bd «ئاسىيا»\+bd* ــ ھازىرقى زاماندىكى تۈركىيە زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «پرىسكىللا»\+bd* ــ بەزىدە ئۇ قىسقارتىلىپ «پرىسكا» دېيىلىدۇ.\f* \v 20 قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.\x + \xo 16:20 \xt رىم. 16‏:16؛ 2كور. 13‏:12؛ 1تېس. 5‏:26؛ 1پېت. 5‏:14. \x* \m \v 21 مانا، مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن سالام يېزىۋاتىمەن! \m \v 22 ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن! \f □ \fr 16:22 \ft \+bd «...لەنەت بولسۇن. رەببىمىز، كەلگەيسەن!»\+bd* ــ پاۋلۇس بۇ سۆزنى ئارامىي تىلىدىكى: «ئاناتېما، ماراناتا!» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.\f* \v 23 رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! \m \v 24 مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي. ئامىن!\f □ \fr 16:24 \ft \+bd «مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي»\+bd* ــ ياكى «مېنىڭ مۇھەببىتىم مەسىھ ئەيسادا بولغان ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي».\f*